سەنۇبەر تۇرسۇن لوس ئانجېلىستا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ياڭراتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لوس ئانجېلىس شەھىرىدىكى «سەنۇبەر تۇرسۇن ناخشا كېچىلىكى»
لوس ئانجېلىس شەھىرىدىكى «سەنۇبەر تۇرسۇن ناخشا كېچىلىكى»
RFA

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئويۇنلىرىنى تەشكىللەش مەركىزى grand performance تارقاتقان ئېلاندا 7 - ئاۋغۇست لوس ئانجېلىس شەھەر مەركىزىدىكى كالىفورنىيە پلازا دەپ ئاتىلىدىغان مەدەنىيەت مەيدانىدا «سەنۇبەر تۇرسۇن ناخشا كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، تۈنۈگۈن كەچ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تونۇلغان سۇيۇملۇك ناخشىچىسىى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۇي خانىشى سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ بۇ ئويۇنىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى قوشقاندا 70كە يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ ئويۇن ئىنتايىن ھاياجانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، سەنئەتكارلارنىڭ مۇقام ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشا، مۇزىكىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ خىلدىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى ئامېرىكىلىقلارغا تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇنجى قېتىملىق بۇ كېچىلىكتە سەنۇبەر تۇرسۇنغا سازەندىلەردىن تەمبۈرچى مىجىت يۇنۇس ئەپەندى، غېجەكچى ئادىل ئابلىز ئەپەندى ۋە فىرانسىيىدىكى ئۇسسۇلچى مۇقەددەس مىجىتلەر ھەمكارلاشقان. سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە باشقا مۇزىكانتلانىڭ بۇ بىر ھەپتىلىك ئامېرىكا سەپىرى لوس ئانجېلىستىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋە ھەر كۈنى ناخشا كېچىلىكى ئۈچۈن جاپالىق مەشىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، گەرچە بۇ كېچىلىك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇ سۇيۇملۇك سەنئەتكارلىرى بىلەن بىر دەم مۇڭدىشىش، ھەتتا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان، بۆگۈن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ ئۆمەك ئۇيغۇر ئېلىغا قايتقان.

بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن، سەنۇبەر تۇرسىۇننىڭ ئاكىسى، تەمبۈر شاھى مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئامېرىكا سىمىسسونىيەن مۇزېيى تەرىپىدىن - 2002 يىلى پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا يىپەك يولى سەنئەت فېستىۋالى»غا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ كونسېرتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى.

سەنۇبەر تۇرسۇن بۇندىن ئىلگىرى تۈركىيە، لوندون قاتارلىق جايلاردىمۇ ناخشا كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن مەزكۇر خۇش خەۋەردىن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق،

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن ئەركىن ئەپەندىنىڭ سۆھبىتىدىن بەھرلەنگەيسىلەر.

پىكىرلەر (2)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

گۇلچېھرە سالام سىزگە!
سىز ئىشلىگەن خەۋەرلەربارغانسېرى تەكامۇللىشىۋاتىدۇ.يەنىمۇ تىرىشقايسىز.سەنۇبەرنىڭ كېچىلىكىدىن تولۇق خەۋەردار قىلدىڭىز،رەھمەت!
ئىككى نۇقتىدا ئەسكەرتىش بېرەي:
1.مۇقەددەس پەقەت ئۇسسۇلچى ئەمەس.ئىنسان مۇزىكىشۇناسلىق كەسپى دوكتورى.شەخسنىڭ ئىلىم ئۇنۋانىنى ئاتاش دۇنيادا ئومۇملاشقان قائىدە.
2.‹‹ئاچىل››پروگراممىسىغا ئاپىرىن.ئامما،بۇ پروگراممىنىڭ ‹‹تاماشىبىنى››بولمايدۇ.‹‹ئاڭلىغۇچىسى››بو-لىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنى قائىدىلىك،لوگىكىلىك ئىشلىتىپ ئۈلگە بولۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار.شۇڭا ئەسكەرتىشنى لايىق كۆردۇم.
ئامانلىق تىلەيمەن سىزگە!

Aug 10, 2016 10:28 PM

Asuq

دىن Istanbul

Salam, Guljekre xanim, mening bilisimche Uyghurche isimlarda Senuber digen bir isim yoq, chet'ellikler Senewer diyelmey yaki baskqa sewepletr tupeylidin senuber dise sizmu shuni qollansingiz, meningche anche toghra bolmasmikin dep qaraymen,chunki bu xewerni Uyghurlar uchun ishliginingiz uchun Senewer disingiz eng toghra bolatti.

Aug 09, 2016 08:08 AM

تولۇق بەت