قازاقىستاندا ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ شايىم شاۋايېف ئەسلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ تۈگمەن يېزىسىدا كۆرنەكلىك يازغۇچى ۋە دراماتورگ شايىم شاۋايېفنىڭ 75 يىللىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان خاتىرە يىغىنى ئۆتتى.

يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تۈگمەن يۇرت - جامائەتچىلىكى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مۇراسىمغا ناھىيە رەھبەرلىرى، زىيالىيلار، ئۇستازلار، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، قوشنا يۇرتلاردىن مېھمانلار، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى. يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى توغرىلىق دوكلات ئوقۇلغاندىن كېيىن سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسى كاتىپى سۇلتان قالى ئوغلى، تەرجىمان قايسار جورابېكوف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىروف، شۇنداقلا يازغۇچى ۋە شائىرلاردىن ئاۋۇت مەسىموف، ئىلاخۇن جەلىلوف ۋە باشقىلار ش. شاۋايېفنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىگە مۇناسىپ باھالىرىنى بەردى.

خاتىرە مۇراسىمىدا يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى بويىچە ۋىدېئو ماتېرىياللار ۋە كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئە. ھاشىروف ۋە ئى. جەلىلوفلار مەزكۇر خاتىرە مۇراسىمى ۋە ش. شاۋايېفنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختالدى.

تولۇق بەت