شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلاپ مەدەنىيەت كۈنى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2013-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻛﯚﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﺋﻮﻣﯩﺰﻧﻰ 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻛﯚﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﺋﻮﻣﯩﺰﻧﻰ 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى كۈرەش كۈسەننىڭ تەشەببۇسى ۋە يېتەكلىشى بىلەن 2003-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ستوكھولۇمدا قۇرۇلغان سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، شۇندىن بېرى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتماقتا.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ قارارى ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان جامائەت چوڭلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى سەنئەت پائالىيىتى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تەبرىكلەش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.

قۇتلۇقلاش پائالىيىتى 6-ئاينىڭ 15 ۋە 16-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن مېھمانلار تەكلىپ قىلىنغان.

قۇتلۇقلاش پائالىيىتىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى قازاقىستاندا كۆزگە كۆرۈنگەن « دىيار» ئانسامبىلى ئۈستىگە ئالغان.

مۇھاكىمە يىغىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك، ئەسقەرجان، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، باش تەپتىش نۇرمۇھەممەت روزىئاخۇن، قازاقىستاندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار قاتنىشىدۇ.

خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساقنى زىيارەت قىلدۇق.

ئابدۇشۈكۈر سامساقنىڭ بىلدۈرۈشىچە خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئاكتىپ خىزمەتلەردە بولغان كۈرەش كۈسەن، ئەخمەت ئىسكەندەر ۋە سەنەۋبەر قاتارلىق مەرھۇملارنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىش ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت