ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى بىر پارچە گۈزەل شېئىر «تۇرا قوشىقى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2013-05-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«تۇرا قوشىقى» قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ۋەكىللىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئەسەرنى ئەڭ دەسلەپ شائىر ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماس 80 - يىللارنىڭ بېشىدا «تارىم» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرغان ئىدى. كېيىن ئۆزىنىڭ «قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن كىتابىدا تېخمۇ مۇپەسسەل شەرھلىدى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن كىتابىدا بايان قىلىشىچە «تۇرا قوشىقى» بۇندىن 1500يىل بۇرۇن شائىر خوغۇرسۇر ئالتۇن تەرىپىدىن يېزىلغان. خوغۇرسۇر ئالتۇن شەرقىي تۇرالارنىڭ خوغۇرسۇر قەبىلىسىدىن بولۇپ، مىلادىيەنىڭ 487 - يىلىدىن 567 - يىلىغىچە ياشىغان.

خوغورسۇر ئالتۇرن «تۇرا قوشىقى»دا چوغاي تاغلىرىنىڭ باغرىدىكى كۆز يەتكۈسىز چەكسىز يايلاقلارنى، ئوت - چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەن سان - ساناقىسز چارۋىلارنى، كۆك ئاسماننىڭ غۇبارسىز گۈزەللىكىنى، تۇرالار دەرياسىنىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرىنى ئوبرازلىق تىللار بىلەن تەسۋىرلەيدۇ.

تۇرا قوشىقى

چوغاينىڭ تاغلىرى باغرىدىن ئاقار،
تۇرالار دەرياسى ئويناپ، دولقۇنلاپ.
ئاسماننىڭ گۈمبىزى بارىگاھسىمان،
تۇرۇدۇ پايانسىز ئاسماننى قاپلاپ.
شۇنچە كۆك غۇبارسىز، ساماۋىي ئاسمان،
دالىلار بىپايان كۆرۈنمەيدۇ قاش.
كۆرۈنۈپ قالىدۇ سانسىز چارۋا - مال،
ئەسكەندە شاماللار ئوتلار ئەگسە باش.

شائىرنىڭ قەلىمىدە گۈزەللىككە تۇيۇنغان يايلاقنىڭ كۆرۈنۈشى چوغاي تاغلىرىنى ماكان قىلغان تۇرالارنىڭ چارۋىچىلىق ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى ئەكس ئەتتىرىدۇ.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ قارىشىچە، تۇرالار ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولۇپ، بۇ شېئىرنى «تۇرا قوشىقى» دېگەندىن كۆرە «ئۇيغۇر قوشىقى» دېگەن ياخشى ئىكەن.

چوغاي تېغى، ئىچىكى موڭغۇل بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، ھازىر خىتايلار تەرىپىدىن«يىنشەن تېغى» دەپ ئاتىلىۋاتقان تاغنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ يەر بۇرۇن ئۇيغۇرلار ياشىغان كەڭ زېمىنلارنىڭ بىر بۆلىكى ئىدى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، ئەركىن ئابدۇقادىرنىڭ «غورورنامە» دېگەن كىتابلىرىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا «تۇرا قوشىقى» ناملىق بۇ شېئىر «چى سۇلالىسىنڭ تارىخى، خوغورسۇر ئالتۇن ھەققىدە قىسسە»، «چى سۇلالىسى نەزمىلىرى» دېگەن كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي تىلىدا خاتىرىلەنگەن. تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، خوغۇرسۇر ئالتۇن چى ۋە شەرقىي ۋىي سۇلالىلىرىدە ھەربىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ ئىشىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «تۇرا قوشىقى» ناملىق بۇ شېئىرى بۇ سۇلالىلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ھەربىي يۈرۈشلەردە ئېيتىدىغان جەڭ مارشلىرى بولغانلىقى مەلۈم.

«تۇرا قوشىقى» 80 - يىللاردىن باشلاپ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم دەرسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسا، 90 - يىلاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئەدەبىيات پەنلىرى بۇيىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇزۇن يىل ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، «تۇرا قوشىقى» ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

«تۇرا قوشىقى» خىتاي تىلىدا خاتىرىلەنگەن «چى نەزمىلىرى» ئاساسىدا ئوخشىمىغان ئاپتورلار تەرىپىدىن ئوخشىمىغان ئۇسلوپتا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شېئىرنى گەۋدىلەندۈرگەن بەدئىيلىكىمۇ ئوخشىمىغان سەۋىيەدە بولغان. ئەمما دەرسلىكلەرگە تۇرغۇن ئالماسنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى نۇسقىسى كىرگۈزۈلگەن.

تولۇق بەت