8 ياشلىق مۈجاھىت قەشقەرلى تۈرك دۇنياسى بىلىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24-دېكابىر تۈركىيە ئەسكىشەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن «2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى بىلىم ئولىمپىك مۇسابىقىسى» گە 8 ياشلىق مۈجاھىت قەشقەرلى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ۋاكالىتەن قاتناشقان. ئۇ مەزكۇر مۇسابىقىگە ئۆزىنىڭ «ئەخلەتتىن پايدىلىنىش پىلانى» ناملىق ئىجادىيىتىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى پروفېسسور نەبى ئاۋجى ئەپەندى ئالاھىدە كېلىپ ئۇنى زىيارەت قىلغان.

12 دۆلەتتىن 40 ئىش پىلانى قاتناشقان مەزكۇر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرى پروفېسسور دوكتور نەبى ئاۋجى ئەپەندى قىلدى.

ئەسكىشەھەر ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان نەبى ئاۋجى ئەپەندى، 2-نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەردىن ياش-ئۆسمۈرلەر قاتنىشىۋاتىدۇ، بۇ ساھىبخانىلىق ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى تۈركىيە تارىختا ئۆتكەن فارابى، ئىبن سىنا، ئالىي قۇشچۇ، خارەزىمى قاتارلىق ئالىملارنىڭ مىراسچىىسى. يېقىندا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىي سانجارغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ دۆلىتىمىزدە يېتىشكەن. مەن تۈرك دۇنياسىدىن شەھىرىمىزگە كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادلىرىنى كۆرگەزمە قىلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن.»

ئارقىدىن ئەسكىشەھەر ۋالىسى گۈڭگۆر ئازمى ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، نۇتقىدا كەشپىيات ۋە لايىھىلەش ساھەسىدە جەمئىي 257 كىشىنىڭ ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن دۆلەت ئىچىدىن 60، دۆلەت سىرتىدىن 40 بولۇپ جەمئىي 100 كىشىنىڭ ئىجادىنى ۋە لايىھىسىنى تاللىغانلىقىنى، بۇلار ئايرىم-ئايرىم بۆلۈملەردە ئىجادلىرىنى تونۇتۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇ ئىش پىلانلىرىنىڭ ئىلىم ۋە تېخنولوگىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز مەزكۇر پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە ئوغلىنى ئېلىپ بېرىپ، بىرلىكتە قاتناشقان مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، 2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى بىلىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئوغلى مۈجاھىت قەشقەرلىنىڭ «ئەخلەتتىن پايدىلىنىش ئىش پىلانى» بىلەن قاتناشقانلىقىنى. ئۆزلىرىنىڭ بۆلۈمىنى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى پروفېسسور نەبى ئاۋجى ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە كېلىپ زىيارەت قىلىپ، تەبرىكلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى بىلىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۆپ ساندا مۇخبىرلارمۇ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىجادىنى تونۇتقان 8 ياشلىق مۈجاھىت قەشقەرلى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت