ئەخمەتجان ھاشىرى تۈرك دۇنياسى دراما يېزىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كېيىنكى 25 يىلدىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئەدەبىي پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرماقتا.

بۈگۈن تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى ئۆتكۈزگەن، 2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «قورقۇت ئاتا دراما يېزىش مۇسابىقىسى» دا نەتىجە قازانغانلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئەزەربەيجان، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، مولدوۋا، قازاقىستان، ئىران، ئىراق ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەت ھەم رايونلاردىن 48 يازغۇچى قاتناشقان مۇسابىقىدە ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «چارباغ» ناملىق دراما ئەسىرى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

تۈركىيەلىك يازغۇچى لۈتفى شاخسۇۋاروغلۇنىڭ دراما ئەسىرى ئىككىنچىلىككە، ئەزەربەيجاندىن پەرۋىن نۇرالىيېۋا خانىمنىڭ دراما ئەسىرى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. 19-دېكابىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ مېدالىنى پارلامېنت ئەزاسى، سابىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى نەبى ئاۋجى بەردى. مۇراسىمغا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى گۈلەر يايمان، ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى رەئىسى ياقۇپ ئۆمەروغلۇ قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

پارلامېنت ئەزاسى، سابىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى نەبى ئاۋجى ئەپەندى «قورقۇت ئاتا دراما يېزىش مۇسابىقىسى»غا ئەسەر ئەۋەتكەن كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئالىم ۋە پەزىلەتلىك كىشىلىككە ئىگە بولغان قورقۇت ئاتانى رەھمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن. شۇنداقلا 2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دراما يېزىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئەسەر باھالاش كومىتېتىغا ۋە ئەسەر ئەۋەتكەن ھەم دراما ئەسەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنى تەبرىكلەيمەن.»

بۇ قېتىمقى دراما يېزىش مۇسابىقىسىگە 48 كىشى ئەسەر ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى يازغان «چارباغ» ناملىق ئەسەر بىرىنچى بولۇپ باھالانغان. يىغىن رىياسەتچىسى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ مېدالىنى پارلامېنت ئەزاسى نەبى ئاۋجىنىڭ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئارقىدىن قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تونۇلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان 20 مىليون ئۇيغۇر خەلقىگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر زامان مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەخمەتجان ھاشىرى مۇراسىمدا قىلغان نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا بۈيۈك مىراسلارنى ياراتقان بۈيۈك خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە «قورقۇت ئاتا دراما مۇكاپاتى» نى بەرگەن ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تونۇلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرىنىڭ ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

19-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت -سەنئەت تەشكىلاتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا «قورقۇت ئاتا دراما يېزىش مۇسابىقىسى» دا دەرىجىگە ئېرىشكەن يازغۇچىلاردىن سىرت تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن زىيالىيلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئىستانبۇلدىكى بىلگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن قاتتىق پەخىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تونۇلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى يازغان «چارباغ» ناملىق دراما ئەسىرىدە 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، سىبىريەگە سۈرگۈن قىلىنغان، ئالمۇتا شەھىرى يېنىغا جايلاشقان «چارباغ» يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر موماينىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان. بۇ دراما يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىگە قويۇلىدىكەن.

تولۇق بەت