ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم «كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش» ماۋزۇلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش» ماۋزۇلۇق پائالىيەتنىڭ ئېلانى.
«كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش» ماۋزۇلۇق پائالىيەتنىڭ ئېلانى.
RFA/Erkin Tarim

ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم «كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى ئاڭلىتىش» ماۋزۇلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، مەزكۇر مەسىلىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش ئۇسۇلىمۇ كۆپەيمەكتە. تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان تۈرك بۇرخانەتتىن چېتىن ئەپەندى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى بىلەن بىرلىكتە 3-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنلىرى ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق تونۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى. ئەنقەرەنىڭ ماماق رايونىدىكى نەجمەتتىن ئەرباقان چوڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت ئەنقەرە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلانماقچى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلمەكچى، ئارقىدىن كىچىك سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئاڭلىتىلماقچى، ئارقىدىن ياش-ئۆسمۈرلەر شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يېزىلغان شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلماقچى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلمەكچى. بۇ پائالىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 65 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇرلار تارتقان دەرد-ئەلەملەر، ھۆججەتلىك فىلىملەر، سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلمەكچى.

بۇرخانەتتىن چېتىن ئەپەندى بۇ پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش پىكرى بۇرۇنلا پەيدا بولغان ئىدى. مەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىلەن 2008-يىلى تونۇشتۇم. بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيتتىم. 2009-يىلىدا كىچىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق. 2010-يىلىدا گېرمانىيەدە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەتكە مەرھۇم ئارسلان ئالپتېكىننىمۇ تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. پائالىيەتكە كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان ئىدى، پائالىيەت يىغىن ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.

ئۇ، 28-29-مارتتا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
خۇدايىم بۇيرۇسا 3-ئاينىڭ 28 -، 29 ‏-كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ماماق رايونىدىكى نەجمەتتىن ئەرباقان يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز. بۇ پائالىيەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 1949-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 65 يىل جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرد-ئەلەملەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى كۆرۈنۈش، سەنئەت نومۇرلىرى ۋە شېئىرلار بىلەن ئاڭلىتىلىدۇ.

بۇرخانەتتىن چېتىن ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
شەرقىي تۈركىستاننى كۆرۈنۈش بىلەن تونۇشتۇرىدىغان بۇ پائالىيەتتە كۆرۈنۈشلەر بولىدۇ، ئارقىدىن تىياتىر، شېئىر دېكلاماتسىيە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلىدۇ. بۇلارنىڭ مەزمۇنى 1949-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانداق بېسىۋالغانلىقى، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانداق رەھىمسىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كۆرۈنۈشلەر، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سەنئەت نومۇرلىرى ۋە ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكىسىدىن ئۆرنەكلەردىن ئىبارەت.

بۇرخانەتتىن چېتىن ئەپەندى ئەنقەرە نەجمەتتىن ئەرباقان يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرنىڭ بىر سائەت يىگىرمە مىنۇتلۇق بۇ پائالىيەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ 65 يىللىق تارىخىدىن خەۋەردار بولالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
2008-يىلىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم. مەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن گېرمانىيەدە بىر قانچە پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق، بۇ پائالىيەتلەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆردۇق. مەن 4 ئايدىن بېرى بۇ پائالىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتىمەن، دۇنيادىكى باشقا مەسىلىلەرگە قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش تۆۋەن. بىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىمىز خەلقىمىزگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇتۇش. خۇدا بۇيرۇسا كۈتكەن مەقسىتىمىزگە يېتىمىز. ئۇيغۇرلار 65 يىلدىن بېرى چېكىۋاتقان دەرد-ئەلەملەرنى ھەممىمىز بىلىشىمىز كېرەك. بىز تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدەك كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، سىياسەتچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزمەكچىمىز.

بۇرخانەتتىن چېتىن ئەپەندى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بۇ پائالىيەت تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مېنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس بىر دەۋادۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى پائالىيەت بولغاچقا خەلقنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. چۈنكى 1 سائەت 20 مىنۇت داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ 65 يىللىق تارىخىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇپ بېرىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت