ئۇيغۇر ياش غەيۇر غالىپ شىمالىي ياۋروپا بوكس سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوغۇزخان
2018-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ياش بوكسچى غەيۇر غالىپ(سولدا) دانىيەنىڭ ئولبورگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ۋىكىڭ بوكس مۇناسبىقىسى»، يەنى «دېڭىز قاراقچىسى ناملىق بوكس مۇسابىقىسى» دە نەتىجە قازىنىپ كۆمۈش مېدالغا ئېرىشتى. 2018-يىلى 6-يانۋار.
ئۇيغۇر ياش بوكسچى غەيۇر غالىپ(سولدا) دانىيەنىڭ ئولبورگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ۋىكىڭ بوكس مۇناسبىقىسى»، يەنى «دېڭىز قاراقچىسى ناملىق بوكس مۇسابىقىسى» دە نەتىجە قازىنىپ كۆمۈش مېدالغا ئېرىشتى. 2018-يىلى 6-يانۋار.
RFA/Oghuzxan

نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ياش بوكسچى غەيۇر غالىپ ئۆزىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار نەتىجىلىرى بىلەن شىمالىي ياۋروپا بوكس سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

ياش بوكسچى غەيۇر غالىپ 2018-يىلى 6-يانۋار كۈنى دانىيەنىڭ ئولبورگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ۋىكىڭ بوكس مۇناسبىقىسى»، يەنى «دېڭىز قاراقچىسى ناملىق بوكس مۇسابىقىسى» دە نەتىجە قازىنىپ كۆمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە غەيۇر غالىپ بىرىنچى مەيداندىلا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، ئۆزى بىلەن تەڭ ئېغىرلىقتىكى دانىيەنىڭ تەجرىبىلىك بوكس ماھىرىنى يەڭدى. مۇسابىقىنىڭ داۋاملاشقان ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، غەيۇر بىر مىنۇت 47 سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتتى. مەيدان گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىغا چۆمدى.

بوكسچى غەيۇر غالىپنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان سكاندىناۋىيە ئەللەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن نەتىجە قازىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىدا غۇرۇر، مىللىي ئىپتىخارلىق ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىلىرىنى ئويغاتتى.

مۇسابىقىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غەيۇر غالىپ ئۆزىنىڭ بوكس ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپلۇقىنى، تىرىشچانلىق ۋە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى بولسىلا ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چوقۇم ئۆزلىرى قىزىققان ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە نورۋېگىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى، ئۆزى كىچىكىدىن باشلاپ ھەۋەس قىلىپ كەلگەن بوكس چۈشىنىڭ بۇ ئەلدە ئاستا-ئاستا رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بوكس ماھىرى غەيۇر غالىپنىڭ ئانىسى ھاجىگۈل ھامۇت خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوغلىنىڭ تېخى شۇنچە ياش تۇرۇپ بوكس ساھەسىدە بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىرادىسىگە سەل قارىماسلىقنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىلھام بېرىشىنىڭ ھەرقانداق بالا ئۈچۈن غايەت زور مەنىۋى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

بىز ئاخىرىدا يەنە نورۋېگىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى مۇتەللىپ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ۋەتەندە داۋاملىشىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىقىنتىلىقنى ھەممىمىز بىلىمىز. مۇشۇنداق شارائىتتا غەيۇر غالىپنىڭ بوكس ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ياشلىرىمىزغا ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە تەسەللى بېغىشلايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ياش بوكسچى غەيۇر غالىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن نۆۋەتتە نورۋېگىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كرىستىانساند شەھىرىدە بىللە ياشىماقتا. ئۇ 2016-يىلىدىن بۇيان شىمالىي ياۋروپادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىلىرىگە ئون نەچچە قېتىم قاتنىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن 3 ئالتۇن مېدال ۋە 1 كۆمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت