ئالماتادا «ئۇيغۇر چۆچەكلىرى» كىتابى رۇس تىلىدا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر چۆچەكلىرى» ناملىق كىتاب. ئالماتا.
رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر چۆچەكلىرى» ناملىق كىتاب. ئالماتا.
RFA/Oyghan

يېقىندا «مىر» نەشرىيات ئۆيىدىن «ئۇيغۇر چۆچەكلىرى» ناملىق كىتاب رۇس تىلىدا نەشر قىلىندى. تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مەرھۇم مالىك كەبىروف ۋە فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ماھىنۇر ئەلىيېۋا تەرىپىدىن توپلىنىپ، رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر چۆچەكلەر جەمئىي يۈزدىن ئوشۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن تاشقىرى كىتابتا سەكسەنگە يېقىن لەتىپىلەرمۇ ئورۇن ئالغان شۇنداقلا ئاپتورلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن چۈشەندۈرۈشلەر ۋە خاتىمە سۆز بېرىلگەن. چۆچەكلەر ئاساسەن سېھىرلىك، ھايۋاناتلار ھەققىدە ۋە تۇرمۇش چۆچەكلىرى دېگەن تېمىلارغا بۆلۈنگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ماھىنۇر ئەلىيېۋا كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت