ياپونىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى كيوتودا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى كيوتودكى مىنامى روتاري كۇلۇبىدا سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى 14-فېۋرال، ياپونىيە.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى كيوتودكى مىنامى روتاري كۇلۇبىدا سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى 14-فېۋرال، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

مەزكۇر دوكلات كيوتودىكى مىنامى روتارىي كۇلۇبى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مىنامىي روتارىي كۇلۇبى ياپونىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىش كۇلۇبى بولۇپ، 1990-يىلىدىن باشلاپ، ياپونىيىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ دوكتورلۇق، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشلىرىنى غەلىبىلىك تاماملىغان. ھازىرمۇ ياپونىيىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىدىن بەھر ئالماقتا.

ياپونىيىدىكى روتارىي كۇلۇبلار ئاساسلىقى كارخانىچىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلغان ئاممىۋى ئۇيۇشمىلار بولۇپ، كيوتودىكى مىنامى روتارىي كۇلۇبى ياپونىيىدىكى روتارىي كۇلۇبلار ئىچىدە ئەزا سانىنىڭ كۆپلۈكى بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كيوتو ياپونىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى بولۇپ، ياپونىيىنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. بۇددا راھىبلىرى بۇددا نوملىرىنى، بۇددا دىنىنىڭ كالامى دەستۇرلىرىنى دەل كيوتودىكى بۇددا دىنىنىڭ كاتتا ئىبادەتخانىلىرىدا بۇددا بۇزۇرۇكۋالىرىدىن ئۆگىنىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. كيوتو ئۆزىنىڭ مول مەدەنىيىتى بىلەن ياپونلارنىڭ قەلبىدە مەدەنىيەت بۆشۈكى ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدىن سائەت ئۈچكىچە داۋاملاشقان. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ قېتىمقى دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم دەۋرىدىكى ياراتقان ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىي مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىدىن باشلاپ تاكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىگىچە بولغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق دوكلات بەرگەن. كيوتودىكى بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا تەخمىنەن يۈز سەكسەن كىشى قاتناشقان.

بىز مەزكۇر دوكلات ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت