ياپونىيە بەخت پارتىيىسىنىڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيە بەخت پارتىيىسىنىڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. 2013-يىلى 16-فېۋرال، ياپونىيە.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيە بەخت پارتىيىسىنىڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. 2013-يىلى 16-فېۋرال، ياپونىيە.
RFA/Qutluq Haji

2-ئاينىڭ 16-كۈنى ياپونىيىنىڭ كۆچى ئۆلكىسىدىكى ياپونىيە بەخت پارتىيىسىنىڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان. ياپونىيە بەخت پارتىيىسى كۆچى ئۆلكىسىدىكى شۆبىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن.

ياپونىيە بەخت پارتىيىسى ياپونىيىدىكى بۇددا دىنى ئەقىدىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان سىياسىي دىنىي تەشكىلات. بۇ تەشكىلات ئۇزۇندىن بېرى ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلات. بۇ قېتىمقى كۆچى ئۆلكىسىدىكى بەخت پارتىيىسىنىڭ يىغىلىشىغا كۆچى ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدىكى ئەزالىرىدىن كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشقان.

بۇ پائالىيەتتە يېقىندىن بۇيانقى ياپونىيە، خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە ئاراللىرىغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى تەنقىد قىلىنغان.

بۇ يىغىلىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىگە قانداق ئۇچرىغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى، خەلقى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە كۈچلۈك ياردەم بەرگەندىلا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئاجىزلىشىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى ياپونىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا ياپونىيىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللاردەك خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

بىز مەزكۇر يىغىلىش ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت