ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

15-ماي يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئالدى بىلەن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
بۇ يىغىندا 10 غا يېقىن تۈرك ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتورلار، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىن خوجائەخمەت يەسەۋى، ئەلىشىر ناۋايى،، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمەتئېلى تەۋپىق قاتارلىق يىراق ۋەيېقىن تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسمىي تور سەھىپىسىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئويۇشتۇرۇشىدا ئاساسلىقى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىغا تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ۋە ئەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجدادلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى مىللىي روھنى ئويغىتىش ۋە جانلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

يىغىن ئىككى بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ بىرىنچى بۆلۈمىدە تۈرك تىلىدا، ئىككىنچى بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات سۇنۇلدى.

تۈركچە بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىدا بەلگىلىك نەتىجە كۆرسەتكەن پروفېسسور دوكتور ھۈليا قاسساپئوغلى چەنگەل خانىم «تۈرك مەدەنىيەت تارىخى ۋە قۇتادغۇبىلىك» دېگەن تېمىدا، پروفېسسور دوكتور كامال ئەرجىلاسۇن «ئەلىشىر ناۋايىنىڭ خىزمەتلىرى» دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دوكتور ئەرسىن تەرەس «تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزى ئەلىشىر ناۋايى» دېگەن تېمىدا، نەۋشەھەر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك خەلق بىلىمى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادەم ئۈگەر «ئۇيغۇرلاردا ھېكمەت ئېيتىش ئادىتى ۋە چاغاتايچە يېزىلغان دىۋانى ھىكمەتلەر» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى چۈشتىن كېيىن داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتورلار ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات بەردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ «ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى ۋە ئىدىيىسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. كېيىن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىجتىمائىي تەنقىد» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە بۈگۈن» دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە قەشقەرى «بىر مۇتەپەككۇر سۈپىتىدە مەمەتئېلى تەۋپىق ئەپەندى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ئاخىرىدا يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈش بىلەن يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت