ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 16-ئىيۇل.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 16-ئىيۇل.
RFA/Arslan

تەنتەربىيە، ئىنساننىڭ تەن-ساغلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارنى يېقىن مۇناسىۋەت ۋە ئۆز-ئارا دوستلۇق ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر ئىجتىمائىي پائالىيەت بولۇپ، پۇتبول مۇسابىقىسى دۇنيادا ئىنسانلار ئەڭ كۆپ قىزىقىدىغان خەلقئارالىق بىر تەنتەربىيە تۈرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىندىن بۇيان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىنمۇ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى يېتىشىپ چىقماقتا.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

3 كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىگە، 12-18 ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇر ياشلاردىن 12 كوماندا مۇسابىقىگە چۈشتى.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنى بىر يەرگە توپلاش، ئۇلارنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇش، تۈركىيەدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان بىر تۈركۈم ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن يېقىندىن بۇيان ۋەتەندىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش، بىرلىك-باراۋەرلىكنى ئۆگىتىش، ئىككىنچىدىن، ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق-قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، سېغىنىش ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يالغۇزلۇق، زېرىكىش بېسىملىرىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىش مەقسىتىدە بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇردۇق. قىسمەن بولسىمۇ كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشتۇق دەپ قارايمەن».

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ مۇسابىقىدە ياش بويىچە چوڭلاردىن 6 كوماندا، كىچىكلەردىن 6 كوماندا بولۇپ مۇسابىقىگە چۈشكەن. نەتىجىدە، كىچىكلەر كوماندىسىدىن بۆرە كوماندىسى بىرىنچى، سۇتۇق بۇغراخان كوماندىسى ئىككىنچى بولغان. بىرىنچى بولغان كوماندىغا 500 تۈرك لىراسى نەق پۇل بىلەن بىرىنچىلىك ئۇيغۇر لوڭقىسى، ئىككىنچى دەرىجىلىك كوماندىغا 350 تۈرك لىراسى نەق پۇل ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۇيغۇر لوڭقىسى بېرىلگەن.

چوڭلار كوماندىسىدىن ئىزچىلار كوماندىسى بىلەن ئەينەك كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كەسكىن تۇتۇش قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە ئەينەك كوماندىسى ئىزچىلار كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 توپ كىرگۈزۈپ، يېڭىۋالغان. ئەينەك كوماندىسىغا 500 تۈرك لىراسى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇيغۇر لوڭقىسى، ئىككىنچى بولغان ئىزچىلار كوماندىسىغىمۇ 350 تۈرك لىراسى نەق پۇل ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۇيغۇر لوڭقىسى بېرىلگەن. ئاۋسترالىيەدىن ئىستانبۇلغا زىيارەتكە كەلگەن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم ئۇيغۇر لوڭقىسىنى بىرىنچى بولغان ئەينەك كوماندىسىغا تەقدىم قىلدى. ئابدۇسالام ئالىم، سۆز قىلىپ، رىقابەتنىڭ ياخشىلىققا باشلايدىغانلىقىنى، نەتىجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغانلارنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار بىلەن خەلقئارالىق بىر پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پۇتبول مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

تاھىرجان بۇ مۇسابىقىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىشنى تەلەپ قىلغانلار بولغانلىقىنى، بۇ مۇسابىقىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇقادىر ھېكىم بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئەينەك كوماندىسى نامىدا قاتناشتۇق ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇر لوڭقىسىغا ئېرىشتۇق. پۇتبول مۇسابىقىسى كوللېكتىپ كۈچ چىقىرىپ ئوينايدىغان بىر مۇسابىقە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا بىر سەھنە ھازىرلاپ بەردى».

سۇتۇق بۇغراخان كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سەيفىدىن ئۆمەر بۇ پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مۇسابىقىدە سۇتۇق بۇغراخان كوماندىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرىنچىلىكنى تالىشىپ مۇسابىقىگە چۈشتۇق، لېكىن ئىككىنچى بولۇپ قالدۇق، بىراق ئۈمىدنى ئۈزمىدۇق، كېيىنكى مۇسابىقە ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا تەييارلىق قىلىپ بىرىنچىلىكنى ئېلىشقا تىرىشىمىز».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت