ئاتاقلىق رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت: ئەسەرلىرىم كۆپىنچە قەشقەر ۋە تۇرپانغا بېغىشلانغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-10-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاتاقلىق رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى.
ئاتاقلىق رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن پەقەت ئۇيغۇر تەسۋىرى سەنئىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن قازاقىستان تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتماقتا. ھاكىمجان گۇلىيېف، رۇسلان يۈسۈپوف، ھاشىم قۇربانوف، كۈرەش زۇلپىقاروف، ئابدۇكېرىم ئىسا، مۇھەببەت ھېتاخۇنوۋا ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى، ئۇنى دۇنياغا تونۇتقان بۈيۈك نامايەندىلىرىنىڭ قىياپىتى ئۆز ئەكسىنى تاپقان. بۇنىڭدىن تاشقىرى، مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ تارىخى، ئۇنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى ۋە باشقىلار ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن سىرت قالمىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇر تەسۋىرى سەنئىتى، مەسىلەن، مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەھرىم غلاۋدىنوفنىڭ پىكرىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلىنىدۇ. ئالىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ بېشىدا ئاۋاكرى شەمسى تۇرىدۇ. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 30- ۋە 60-يىللىرى ئىجاد قىلغان. ئا. شەمسىنىڭ ئىزباسارلىرى بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر زەينىدىن يۈسۈپوف ۋە رەشىد يولداشېفتۇر. ئەمدى 60- ۋە 80-يىللىرى ئۇيغۇر تەسۋىرى سەنئىتى قاتتىق جانلاندى. بۇنىڭغا، بىرىنچى نۆۋەتتە، ھەسسە قوشقان مارس ھېيتاخۇنوف.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئۇيغۇر تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان تالانتلىق رەسساملارنىڭ يەنە بىرى ئەخمەتجان ئەھەتتۇر.

ئە. ئەھەت 1954-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتا-ئانىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئاندىن 1974-يىلى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ رەسساملىق فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. ئە. ئەھەت بىر نەچچە يىل مابەينىدە ھەر خىل جايلاردا، شۇ جۈملىدىن 1988- ۋە 1992-يىللار ئارىلىقىدا ھازىرقى جۈرگېنوف نامىدىكى سەنئەت ئاكادېمىيىسىدە مۇئەللىملىك قىلدى. 1988-يىلى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەسساملار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدى. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا بولسا، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتۇراسىدا ئوقۇدى. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى رۇسىيەنىڭ موسكۋا، سانكت-پېتېربۇرگ، قازاقىستاننىڭ ئاستانا، ئالماتا قاتارلىق شەھەرلىرىدە، شۇنداقلا تۈركىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆرگەزمىلەردىن ئورۇن ئالغان. رەسسامنىڭ ئەمگىكى قازاقىستان دۆلىتى تەرىپىدىن مۇناسىپ باھالىنىپ، بىر قاتار مۇكاپاتلارغا، ئەمدى 2004-يىلى بولسا، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولدى.

ھازىر ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئالماتا شەھىرىنىڭ ئەبىلخان قاستېيېف نامىدىكى دۆلەت سەنئەت مۇزېيىدا قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ۋە ئالماتا شەھىرىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان كۆرگەزمىگە قويۇلغان. مەزكۇر كۆرگەزمە 15-سېنتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلماقچى.

ئە. ئەھەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئۆزىنىڭ 40 قا يېقىن ئەسىرىنىڭ قويۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ماۋزۇسىنىڭ شەرق شەھەرلىرىگە بېغىشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «كۆپىنچە سۈرەتلىرىم قەشقەر ۋە تۇرپانغا بېغىشلانغان. بۇ يەردە ئالماتانىڭ كونا ئۆيلىرىمۇ بار. مېنى ئاساسەن كونا ئۆيلەرنىڭ تارىخى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پەلسەپىسى، ئۆزىنىڭ مۇڭى ۋە تارىخى بار. ئىككىنچى تېمام قىيا تاش رەسىملىرىگە بېغىشلانغان. قىيا تاش رەسىملىرى قەشقەردىمۇ، كەتمەندىمۇ بار. ئەڭ كۆپ يېرى مۇشۇ قازاقىستاندا. بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز مەنىسى بار».

ئە. ئەھەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رەسىملەردە تەسۋىرلەنگەن، مەسىلەن، ھايۋاناتلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز مەقسىتى ۋە مەنىسىگە ئىگە. مىسالغا، تۆگە چىداملىقنى، ئەمگەكچانلىقنى كۆرسەتسە، ئەمدى ئارقار، يەنى ياۋايى قوي بولسا، ھۆكۈمدارلىقنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇنىڭ مۈڭگۈزى پادىشاھنىڭ باش كىيىمى تاجغا قىياس قىلىنغان.

رەسسام سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ كۆرگەزمىدە يېرىمىدىن كۆپى يېڭى سۈرەتلەر. ‹مىڭ ئۆي› گە بېغىشلانغان ئۈچ-تۆرت سۈرەت قويدۇم. بىر سۈرىتىمدە ئىككى سازەندە، ئىككىنچىسىدە ئەسكەر. ئۈچىنچىسىدە كۈلتېكىن.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ئاز ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەخمەتجان ئەھەت بىزگە، ئۇيغۇرلارغا، خېلىدىن بېرى تونۇش. ئۇنىڭ رەسىملىرى ئاستانادا پرېزىدېنتىمىزنىڭ كۆرگەزمىلىرىدە بار. شۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ رەسىم سېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بىزنىڭ ‹مىڭ ئۆي› دىكى رەسساملارنىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ. مەن ئويلايمەنكى، مۇشۇ رەسساملارنى كۆرگەندىن كېيىن، بىزنىڭ ئالماتادىكى جامائەتچىلىك يەنە بىر ئۇيغۇر رەسسامىنىڭ ئىجادىدىن كەڭ خەۋەر ئالىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت