ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر يېڭى بىر ئەسەر نەشر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
جاستىن جېيكوبسنىڭ 2016-يىلى نەشر قىلىنغان ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
جاستىن جېيكوبسنىڭ 2016-يىلى نەشر قىلىنغان ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
Mezkur kitabtin süretke élin’ghan

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي تارىخى ئىزچىل رەۋىشتە زامانىمىزدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ بوران-چاپقۇنغا تولغان يېقىنقى زامان تارىخىدىكى 1930-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخىي ھادىسىلەر مەيلى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى بولسۇن ياكى چەتئەللىكلەرنى بولسۇن، ئىزچىل تۈردە قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى. ئامېرىكالىق ياش تارىخشۇناس جاستىن جېيكوبسنىڭ يېقىندا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا نەشر قىلىنغان تۇنجى ئەسىرى ئەنە شۇ دەۋرنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇئەللىپ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بەزى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە روياپقا چىقىۋاتقان تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرى سۈپىتىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلۇشىدا سەۋەبچى ئامىللار، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا بولغان قىزىقىشىمۇ مۇناسىپ دەرىجىدە ئېشىپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىقلارنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرگىمۇ يول ئاچماقتا.

يېقىندا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان جاستىن جېيكوبسنىڭ «شىنجاڭ ۋە ھازىرقى زامان خىتاي دۆلىتى» ناملىق ئەسىرى ئەنە شۇ خىلدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىياسىي داۋالغۇش ۋەزىيىتى ئەڭ روشەن بولغان 1930-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخىي ھادىسىلەرگە بېغىشلانغان.

ھازىر ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدا دەرس بېرىۋاتقان جاستىن جېيكوبس 2011-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سان ديېگو شۆبىسىدىن تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي تارىخى ھەققىدىكى تېمىلار بويىچە ئىشلەپ كەلمەكتە. شۇنداقلا «ئامېرىكا ئاۋازى»، «ئەل جەزىرە» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە سۆھبەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ كەلمەكتە.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جاستىن جېيكوبسنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان تۇنجى كىتابى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. سۆھبەت جەريانىدا يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ تارىخى ھەققىدە چەتئەللىكلەر يازغان ئەسەرلەر توغرىلىق سۆز بولدى. بىز ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ باشقا ئەسەرلەردىن قانداق پەرقى بارلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا جاستىن جېيكوبس مۇنداق دېدى: «توغرا دەيسىز، بۇ ھەقىقەتەنمۇ جايىدا سورالغان بىر سوئال بولدى. مېنىڭ كىتابىمدىكى پەرقلەر ھەققىدە سورىسىڭىز، مەن شۇنى دېيىشىم مۇمكىن، مەن ئاساسلىق قىلىپ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەھۋالىغا قاراپ چىقتىم. باشقا ئاپتورلار بولسا ئاساسلىق قىلىپ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە، يەنى 17-ئەسىر، 18-ئەسىر قاتارلىق باسقۇچلارغا بەكرەك زېھىن قويغان. شۇڭا كىتابىمدا بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئىككىنچىدىن، مەن يورۇتۇپ بېرىشكە بەكرەك تىرىشقان، شۇنداقلا باشقا ئاپتورلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولغان نۇقتا شۇكى، مەن خىتاي ھۆكۈمدارلىرى، خىتاي ھاكىمىيەتلىرى، شۇنداقلا خىتاي دۆلىتىنىڭ «قانداق قىلغاندا خىتاي دۆلىتىنىڭ شىنجاڭنى كونترول قىلىشى ۋە ئۇنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ؟» دېگەن مۇددىئادا قوللانغان ئىستراتېگىيىلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. بۇ ئىستراتېگىيىلەر بولسا، ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىردە قوللىنىلغان. 20-ئەسىردە يۈز بەرگەن مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ چىقىشنى نىشان قىلغان ھەمدە ھازىرغا قەدەر نەشر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ھادىسىلەرنى يەرلىك خەلقنىڭ ئەھۋالى نۇقتىسىدىن، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىدىن چۈشىنىشكە تىرىشقان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى بىلىش، شۇنداقلا خىتايچە ھۆججەتلەر ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىشقا كۈچ چىقارغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز ساننى تەشكىل قىلىدۇ. مەن ئەنە شۇ ساھەلەرگە بەكرەك كۈچ چىقاردىم.»

جاستىن جېيكوبسنىڭ ئەسىرىدە ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خىتاي مىلىتارىستلىرىدىن ياڭ زېڭشىن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش سىياسەتلىرىگە مەخسۇس سەھىپىلەر ئاجرىتىلغان. تارىخشۇناسلار «جۇمھۇرىيەت دەۋرى» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن مۇشۇ مەزگىل ھەققىدە سۆز بولغاندا ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان 17 يىل ۋاقىت ئىچىدە، يەنى 1911-يىلىدىن 1928-يىلى ياڭ زېڭشىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتقا قەدەر بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا نېمە ئۈچۈن «تۆمۈر خەلىپە ئىسيانى» دىن باشقا بىرەر چوڭراق خەلق ھەرىكىتىنىڭ بارلىققا كېلەلمىگەنلىكى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، جاستىن جېيكوبس بۇنىڭدا ياڭ زېڭشىننىڭ ھۆكۈمرانلىق تاكتىكىلىرىدىن باشقا، خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىمۇ ھېسابقا ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۈچۈن ياڭ زېڭشىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان تېما بولدى. بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن كىشى ئۇنىڭ كەمتەرلىك شەكلىدە ئىپادە ئەتكەن تاشقى قىياپىتىگە يوشۇرۇنغان زور ئارزۇلارنى بايقايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا شۇ نەرسە ئايان ئىدىكى، شۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ باشقا جايلىرى پۈتۈنلەي مالىمانغا تولغان بىر مەزگىل ئىدى، يەنى ئىچكى ئۇرۇش شەكلىدىكى ئايىغى چىقماس جەڭگى-جېدەللەر ھەممە ياقنى قاپلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا ئالەمنى ھەيرانۇ-ھېس قالدۇرغۇدەك بىرەر چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا ئۇنچىلىك زور كۈچ-قۇۋۋەت يوق ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئىلىكىدە تىلغا ئالغۇدەك ھەربىي كۈچمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. مۇشۇ سەۋەبلەردىن ياڭ زېڭشىن يولغا قويغان تۈپلۈك ئىستراتېگىيە ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە شىنجاڭدىكى ئاساسلىق خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئارىلاشماسلىق بولغان. شۇڭا بۇ ئەھۋالنى مەن ئۇنىڭ بىر مۇھىم ئىستراتېگىيىسى، دەپ قارايمەن. يەنە كېلىپ بۇنى «باشسىز ئىدارە قىلىش» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بۇنى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق، ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار، موڭغۇللار ۋە قىرغىزلاردا بۇرۇندىن كېلىۋاتقان، شۇنداقلا مىراسخورلۇق شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان ھەر تەبىقە كاتتىۋاشلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىۋالغان. ئاشۇ كاتتىۋاشلار ياڭ زېڭشىن تەلەپ قىلغان ساداقەتنى بەجا كەلتۈرسىلا ئۇ ئۇيغۇرلار، قازاقلار ياكى قىرغىزلارنىڭ ھېچقانداق ئىشىغا قول تىقمىغان، شۇنداقلا بىرەر نەرسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ كويىدىمۇ بولمىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن. ئۇنىڭ مۇنداق قىلىشقا قادىر بولالىشىنىڭ سەۋەبى شۇ يەردىكى، ئۇ ۋاقىتلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان دۇنيا بىر زور مالىمانغا مۇپتىلا بولغان ئىدى. رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكىمۇ ياڭ زېڭشىنغا تولىمۇ پايدىلىق بولغان يەنە بىر ئامىل بولدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ كېتىپ، شىنجاڭدىكى ئىشلارغا ئارىلىشىپ بولالمىغان. يەنە بىر ياقتا بولسا، پۈتكۈل خىتاي ئىچكى ئۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، ھېچقانداق بىر مىلىتارىستنىڭ شىنجاڭغا قول ئۇزىتىشقا چولىسى تەگمەي قالغان ئىدى. شۇڭا ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولغۇدەك مۇھىم ئامىللار مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، جاستىن جېيكوبسنىڭ ئەسىرى يەنە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىلى ئىنقىلابىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن سىياسىي ۋەزىيەت، شۇنداقلا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە يۆتكىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلار رايونىغا يېتىپ كەلگەنگە قەدەر بولغان كۆپلىگەن ھادىسىلەرگىمۇ چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت