ئۇيغۇر تېۋىپلىرى كەسپىي گۇۋاھنامە ئېلىشتا خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بېرىشكە مەجبۇرلانماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقاتچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ماساجىرۇنىڭ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ناملىق ماقالىسىگە قويۇلغان سۈرەت.
ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقاتچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ماساجىرۇنىڭ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ناملىق ماقالىسىگە قويۇلغان سۈرەت.
RFA/Qutluq

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئانا تىل بىلەن داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇنىڭ ئاتا مىراس تېۋىپلىرى يېقىندىن بۇيان خىتاي تىلىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

قويۇق يەرلىك پۇراققا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتى يىللاردىن بۇيان تولۇق ئۇيغۇر تىلى بىلەن يۈرۈشتۈرۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 2013-يىلىغا كەلگەندە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىل سىياسىتىدىكى چەكلىمىسىگە ئۇچراشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مېدىتسىنا ساھەسى بويىچە خىتايدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئۈچۈن بېرىدىغان بىر تۇتاش ئىمتىھانى 2013-يىلى 14-سېنتەبىردە ئېلىنغان. ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن ئىلگىرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئېلىنىدىغان بۇ ئىمتىھاننى بۇ قېتىم خىتايچە بېرىش تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان. ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئۈچۈن سەھىيە مىنىستىرلىقى چىقارغان خىتاي تىل-يېزىقىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىشى شەرت قىلىنغان.

خوتەن ۋىلايىتىدىن مەزكۇر ئىمتىھانغا قاتناشقان 8 نەپەر ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېۋىپى خىتاي تىلىدىكى سوئاللارنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىمتىھان نازارەتچىلىرىدىن خىتايچە سوئاللارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى نەق مەيداندىلا كەسكىن رەت قىلىنغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىدىن خالىغانچە ئايرىلىشى مەنئى قىلىنغان.

بۇ ئىشتىن كېيىن، 8 نەپەر ئۇيغۇر تېۋىپ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىگە، ئاندىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان. ۋەھالەنكى، سەھىيە نازارىتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بۇ مەسىلىگە ئۆزلىرىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا پەقەتلا مەركەزنىڭ قارار بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىمۇ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يېقىندا مەزكۇر ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، خوتەن رايونىدىن ئىمتىھانغا قاتناشقان 8 نەپەر ئۇيغۇر تېۋىپنىڭ ھەممىسى ئۆتەلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىللىق داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە، خەلق ئارىسىدا تەسىرى يۇقىرى بۇ ئاتا مىراس تېۋىپلار كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالالماسلىقتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ قىيىن ئۆتكەل ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كېسەل كۆرۈش، شاگىرت تەربىيىلەش ھەمدە شەخسىي دوختۇرخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا پۈتۈنلەي سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى ئۇيغۇر تېۋىپلىرىدىن ئېلى قۇربان ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا تېۋىپلار بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ ئىشنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت