تونۇلغان تارىخچى ئالىم ئابلەھەت كامالوف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2009-يىلى، ئالماتا.
ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2009-يىلى، ئالماتا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، مەشھۇر قازاق ئالىمى، قازاقىستان ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى قانىش سەتپايېفنىڭ تەكلىپى ۋە بىۋاسىتە ئىشتراكچىلىغىدا 1949-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش بۆلۈمى ئېچىلغان ئىدى. كېيىنىرەك، يەنى 1963-يىلى ئۇ، پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلدى. 1986-يىلى بولسا، شۇ بۆلۈم ئاساسىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى پەقەت قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى.

بۇ يىلى ئەنە شۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 30 يىل تولدى. سوۋېت دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ ئىلمىي دەرگاھ شۇ مەزگىلدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئالاھىدە غەمخورلۇققا ئېلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئىنستىتۇت تەتقىقاتلىرىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى ئۆگىنىشكە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر بويىچە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي لايىھىلەرنى ئورۇنلاش، كادىرلارنى تەييارلاش ئىشلىرىمۇ كۆزدە تۇتۇلدى. ئامما 1991-يىلدىن كېيىن، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ، قازاقىستان ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلار ئارىسىدا قالغان ئىدى. ئاقىۋەتتە ئۇ 1996-يىلى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىگە ئايلاندى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر ئېرزىن شۇ دەۋرىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئالىملىرىمىز مول يېتىشىپ چىققان بىر دەۋر ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى بۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى دۇنيانىڭ چوڭ-چوڭ ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بىر ساھە ئىدى. بۇ ۋاقىتتا تارىخچىلىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈشىدىكى ۋە كېلەچىكىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر بويىچە خېلى ئىشلارنى ئىجرا قىلىپ كەلدى.»

ئون يىلغا يېقىن ئۆمۈر سۈرگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مىراسخورى، 1996-يىلى قايتا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىلمىي تەتقىقاتلىرى نېمىدىن ئىبارەت؟ ئۇ قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ؟

بىز بۇ ھەقتە قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

- ئابلەھەت، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئالدىنقى ۋە كېيىنكى يىللاردا ئاساسەن قانداق لايىھىلەر بويىچە تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى؟

- تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋا رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئومۇمەن قازاقىستان ۋە شەرق ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي،سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، دۇنيا مەدەنىيەتلىرى مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق رەۋىشتە تەتقىق قىلىش بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەركەز ئۆتكەن يىللىرى «مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تارىخىي، مەدەنىي ئۆز ‏-ئارا باغلىنىشلىرى»، «قازاقىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيەتلەر جەريانلىرىنىڭ سىستېمىسىدا»، «ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى قازاقىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆز‏- ئارا باغلىنىشى سىستېمىسىدا»، «قازاقىستان ۋە شەرق ئەللىرى ئالەمشۇمۇل دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش شارائىتلىرىدا» ناملىق چوڭ ئىلمىي لايىھىلەرنى ئورۇنلاپ كەلگەن ئىدى.

- ھازىرچۇ؟

- ھازىر بولسا بىزنىڭ مەركەز «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىرى» (18-ئەسىر ۋە 19-ئەسىرنىڭ بېشى)، «18-ۋە19-ئەسىرلەردىكى سوپىلىق پوئېزىيەسى مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇمىيلىق ھادىسىسى سۈپىتىدە» تېمىسىدا ئىلمىي لايىھىلەر بويىچە تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

- سىزگە ياخشى مەلۇم، ھەر قانداق بىر ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى نەشر قىلىنغان ئەمگەكلەر بىلەن ئۆلچىنىدۇ. مۇشۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندىن بۇيان قانداق ئەمگەكلەر نەشر قىلىندى؟

- مەركەزنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن، ئاتاپ ئېيتقاندا، رىسالەت كەرىموۋانىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بەدىئىي ھۈنەر ۋە كەسىپلىرى»، رەخمەتجان يۈسۈپوفنىڭ «زىيا سەمەدىنىڭ تارىخىي رومانلىرى»، «كلاسسىكىلىق تارىخىي پروزا ۋە لىرىكىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق مونوگرافىيەلىرى، دىلشات رەيھانوف تەرىپىدىن تەييارلانغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» كىتابى، تارىخچى گېگىل ئىسخاقوفنىڭ «ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە تەتقىقاتلار»، تىلشۇناس ئالىم تۇغلۇقجان تالىپوفنىڭ «تاللانغان ئەمگەكلەر» ۋە «ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە تەتقىقاتلار»، شەخسەن ئۆزۈمنىڭ «قەدىمىي ئۇيغۇرلار» مونوگرافىيىسى، بۇ كىتابىم شۇنداقلا ئىراندا پارىس تىلىدىمۇ يورۇق كۆردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە كوللېكتىپلىق مونوگرافىيىلەرمۇ نەشر قىلىنىپ تۇردى. مەسىلەن، كېيىنكى يىللىرى «قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقى: ئەنئەنىلەر ۋە نەمۇنىلەر»، «زامانىۋى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى»، «شەرقىي تۈركىستان مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيەتلىرى جەريانلىرىدا»، «ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى قازاقىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆز ‏- ئارا باغلىنىشى سىستېمىسىدا»، «مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقلەر ۋە مەدەنىيەت»، «ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىدىكى تۆھپىسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقاتلار» ناملىق كىتابلار، جۇمھۇرىيەت مىقىياسىدا، شۇنداقلا يېقىن ۋە يىراق چەتئەللەردە نەشر قىلىنغان توپلاملاردا يۈزلىگەن ماقالىلىرى يورۇق كۆردى.

- ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتلىرى مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟

- ياق، ئەلۋەتتە. مەركەز ئالىملىرى ھازىرقى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە كەسپىي ۋەزىپىلىرىدىن تاشقىرى، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى، شۇنداقلا ئىلمىي كادىرلارنى تەييارلاش بويىچىمۇ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دېسەم بولىدۇ. ئۇلار قازاقىستاننىڭ باشقىمۇ ئىلمىي دەرگاھلىرى ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى، مەتبۇئات ھەم نەشرىياتلار، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە سەنئەت مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي لايىھىلەرنى ئورۇنلاشتا، خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ۋە ئۆتكۈزۈشتە ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

- ھازىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئالدىدا قانداق مەسىلىلەر بار؟ كېلەچەكتە قانداق پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇۋاتىدۇ؟

- بىزنى ھازىر بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى خىراجەت مەسىلىسى. بۇ مەسىلە ئىلگىرىمۇ بولغان ئىدى. ھازىر مەركەز خادىملىرى قىسقارتىلغان خىراجەت بىلەن ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇتەخەسسىسلەرمۇ يېتىشمەيدۇ. مائاش تۆۋەن بولغاچقا، ياشلارمۇ مۇنداق ئىشلارغا كەلمەيدۇ. مۇنداق ئەھۋال بارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىدا مەۋجۇت. ئامما بۇ قىيىنچىلىق بولۇپمۇ بىزگە ناھايىتى ئېغىر بىلىنىۋاتىدۇ.

- مەركەزنىڭ چەتئەلدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ھەققىدە نېمە دەيسىز؟

- بىز ھەر قېتىمدا ئىلمىي لايىھىلەر تۈزگەن ۋاقىتتا ماتېرىيال توپلاش مەقسىتىدە چەتئەللەرگە ئىلمىي سەپەرلەرنى پىلانلايمىز. شۇنداقلا ھەر يىلى چەتئەللەردە بولىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىشنىمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزگە ئالىمىز. ئەمما، ئەپسۇسكى، كۆپىنچە بىز بۇنىڭغا ئۆز يانچۇقىمىزدىن پۇل تۆلەپ بارىمىز، يۇقىرىدىن بۇنىڭغا مەخسۇس خىراجەت بۆلۈنمەيدۇ. ئىلمىي ئەمگەكلەرنى نەشر قىلىشتىمۇ خۇددى شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتىمىز. ئامالنىڭ بارىچە ھامىيلارنى تېپىپ، ياكى بولمىسا ئۆز پۇلىمىزغا كىتابلىرىمىزنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. باشقا ئامال يوق. كېلەچەك پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قانچىلىك مەبلەغ ئاجرىتىشىدا بولۇۋاتىدۇ.

- ئەمدى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ كەتسىڭىز.

- يوشۇرىدىغىنى يوق، ئىلگىرى، يەنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بولغان ۋاقىتتا ئارىمىزدىكى ئالاقىلەر يېڭىلا ئورناشقا باشلىغان ئىدى، ئامما قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. مەركەز ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونى بىلەن ئالاقىلەرنىڭ بولغىنى بىز ئۈچۈن ياخشى بولاتتى، چۈنكى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلىرىمىز بىر. كېيىنكى يىللاردا ئىككى تەرەپ تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدىكى بېرىش-كېلىشلەر، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشلار، ئەپسۇسكى، تامامەن ئۈزۈلۈپ قالدى. بىز ھەر قاچان مۇنداق ئىلمىي ئالاقىلەرنىڭ بولۇشىنى خالىغان بولار ئىدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت