«2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى»دا مۇھاكىمە قىلىنغان تېمىلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى نويابىر.
«2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى نويابىر.
RFA/Erkin Tarim

ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىريۇسسېل ۋە پارىژدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەمكارلىشىشىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتى بويىچە 2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى» 17-18-نويابىر كۈنلىرى بىريۇسسېل، 19-20-نويابىر كۈنلىرى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىكى شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، رۇسىيە، تۈركىيە، ئىسرائىلىيە، قازاقىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق تەتقىقاتچى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، سىياسىي-ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى بولۇپ كۆپ دائىرە بويىچە ئىلمىي دوكلاتىنى سۇندى. ئۇنداقتا يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتى توغرىسىدا نېمە يېڭى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟ بۇ ھەقتە نەق مەيداندىن، يىغىنغا قاتناشقان زىيالىيلاردىن دوكتور مەمتىمىن ئەلا، ئەنۋەر ۋە ئىسكەندەر ئەپەندىلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

«2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى يىغىنى» قانداق ئۆتتى؟ دېگەن سوئالىمىزغا مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
پارىژدا ۋە بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىننى كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياخشى ئۆتكۈزۈلدى دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بىرقانچە سەۋەبلىرى بار. بىرىنچىسى بۇ قېتىمقى يىغىندىن شۇنى كۆردۇقكى، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بۇرۇنقى رۇس ۋە گېرمانلارنىڭ كلاسسىك تەتقىقاتىدىن ھازىرقى ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن بىلىم ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇت ئۆتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بۇرۇن بىرنەچچە دۆلەتتىلا تەتقىق قىلىنغان بولسا، ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەرگە كېڭىيىپتۇ. ئىككىنچىسى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىلارنىڭ يېڭىلىقى، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ۋە دۇنياغا چۈشەندۈرۈش جەھەتتىن بەك مۇھىم دەپ ئويلايمەن.

مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى «مەسىلەن قايسى ماقالىلەر؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شون روبېرتس ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا تېررورچىلىق بارمۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن تەتقىقاتچى لورىن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىنىڭ ئۈرۈمچىدە بەرپا بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئائىت ماقالىسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى ۋە يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇلى، مۇزىكىسى ۋە دىنىي تۇرمۇشى توغرىسىدىمۇ كۆپ ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدىمۇ ماقالىلەرنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەتقىق قىلىنىدىغان ئوبېكىتلا ئەمەس، تەتقىق قىلىدىغان كۈچكە ئايلانغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا بىز ھاياجانلاندۇرغان يەنە بىر نەرسە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن ئوندەك تەتقىقاتچى قاتنىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ يېڭىلىقى بەكلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇلاردىن بىرنىلا مىسال بېرىپ ئۆتەي. فىرانسىيەدىكى دىلنۇر رەيخان خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توي قىلىشقا ئۇيغۇرلار قايتۇرۇۋاتقان ئىنكاسلار توغرىسىدىكى ماقالىسى كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. يەنە بىرى ئامېرىكىدىن كەلگەن دوكتور دولقۇن قەمبىرىنىڭ تارىم مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى كۆز قارىشى. تارىم ئويمانلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى.

بىز باشتىن ئاخىرغىچە بۇ يىغىندىكى دوكلاتلارنى ئاڭلىغان لوندوندا دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئىسكەندەر ئەپەندىگىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، يىغىندا كۆپ يېڭى تېمىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن زور تۆھپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەدىن كېلىپ دوكلات ئاڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەپەندى يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

پارىژدىكى شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى ئىنستىتۇتىدا چاقىرىلغان يىغىندا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ 24 نەپەر تەتقىقاتچى ئىلمىي دوكلات بەردى.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلغان بولۇپ، يىغىننىڭ بىريۇسسېلدىكى لېبرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىسمى 17-18-نويابىر كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 22 تەتقىقاتچى ئىشتىراك قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت