سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى خادىملىرى ئالماتادا باش قوشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-11-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى خادىملىرى چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2016-يىلى 27-نويابىر، ئالماتا.
سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى خادىملىرى چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2016-يىلى 27-نويابىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

27-نويابىردا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «پورباجىن» كافېسىدا سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى خادىملىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل مۇقەددەم، يەنى 1986-يىلى قازاق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى مۇدىرى كۆرنەكلىك ئالىم، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف باشلىق ئىنستىتۇت رەھبەرلىكى دەسلەپكى كۈنلەردىن باشلاپلا ئىنستىتۇت ئۈچۈن ياش مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. بولۇپمۇ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەنىڭ ھەر خىل ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنى تاماملىغان ئاساسەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ھەر كەسىپ ۋەكىللىرى مۇشۇ ئىنستىتۇت ئەتراپىغا توپلاندى. 1996-يىلى مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى بولۇپ قايتا تەشكىللىنىپ، قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىگە كىرگۈزۈلدى.

ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى ئالدى بىلەن باقىيلىق بولۇپ كەتكەن بارلىق كەسىپداشلىرىنى بىر مىنۇتلۇق سۈكۈت بىلەن ئەسلەپ، ئاندىن پۈتكۈل ئۇچرىشىش داۋامىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى، پېشقەدەم ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ ھاياتى، قازاقىستان ئىلىم-پەنىگە قوشقان تۆھپىسى، ئۇلارنىڭ ياشلارغا قىلغان غەمخورلۇقى، ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ ھەر خىل ساھەلىرى ھەققىدىكى ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى، ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى، دوكتور ئابلەھەت كامالوف ئۆزىنىڭ پۈتكۈل كەسپىي ھاياتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن زىچ باغلىنىشتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى، تېخى تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدىلا ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇستازلىرى قاتارىدا ئوسمان مەمەتاخۇنوف، ئىسرايىل روزىباقىيېف ئوخشاش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: ئىسرايىل ئاكا روزىباقىيېفنىڭ رەھبەرلىكىدە مەن ئۇيغۇر لېكسىكولوگىيىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدىم. ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغاندىن كېيىن، مېنى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە كۆرنەكلىك ئالىم گېگېل ئىسقاقوف تەكلىپ قىلغان ئىدى. مەن كېلىپلا 1984-يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى ئۈچ مۇستەقىل بۆلۈم، يەنى ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە بۆلۈملىرى بولۇپ قايتا تەشكىللەندى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيىسى بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىندىم. بىر يىلدىن كېيىن مېنى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ لېنىنگراد بۆلۈمىگە ئاسپىرانتلىققا ئەۋەتتى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىلىق خۇش خەۋەرنى مەن ئەنە شۇ لېنىنگرادتا ئاڭلىدىم. 1990-يىلى مەن نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيىمنى ياقلاپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدىكى پائالىيىتىم باشلاندى.»

ئا. كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناس سۈپىتىدە يېتىلىپ چىقىشىدا، بولۇپمۇ تارىخچى گېگېل ئىسقاقوف ۋە ئەدەبىياتشۇناس ساۋۇت موللائۇتوف ئالاھىدە رول ئوينىغان بولۇپ، گ. ئىسقاقوف ئۇ چاغدا تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، س. موللائۇتوف بولسا، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يېتەكچى مۇتەخەسسىسى ئىدى. ئا. كامالوف بۇنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «ئېيتماقچى، 1950-يىللىرى س. موللائۇتوف ۋەكىللەر قاتارىدا غۇلجىغا بېرىپ، مېنىڭ چوڭ بوۋام مۇتىۋەللى خەلپەت بىلەن تونۇشقان. مۇتىۋەللى خەلپەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە دىن ئىشلىرى بويىچە مىنىستىر بولغان. ئۇ ساۋۇت ئاكا ئۈچۈن بىلال نازىمنىڭ غەزەللىرىنى قايتا كۆچۈرۈپ بەرگەن. 1991-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەنجۈمانىنى ئۆتكۈزگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئىدىم. بىزگە شۇ ۋاقىتتا دەسلەپكى قېتىم چەتئەللىك ئالىملار كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئا ق ش دا ئوقۇۋاتقان قاھار بارات، گېرمانىيەدىن ۋىلگېلىم شارلىپپ شۇنداقلا لېنىنگراد ۋە موسكۋادىن كەلگەن ئۇستازلىرىممۇ بار ئىدى. شۇ چاغدىكى ئىلمىي مۇھىت، ئالىملار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنى پات-پاتلا ئەسلەپ تۇرىمەن. يەنە بىر مۇھىم نەرسە، شۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ چوڭ كەسىپداشلىرىمىز دائىم بىزگە ئوخشاش ياشلارغا چوڭ ئىشەنچ بىلدۈرەتتى، ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلىدۇ دەپ ئىشىنەتتى.»

ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ كۆپلىگەن ياش مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپمۇ غ. سەدۋاقاسوف ۋاپاتىدىن كېيىن، شۇنداقلا 1996-يىلى ئىنستىتۇت يېپىلغاندىن كېيىن، باشقا ساھەلەرگە يۆتكەلگەن ئىدى. ئۇلار ھازىر ئىلىم، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئەمگەك قىلماقتا. ئۇچرىشىشقا تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، دوكتورلار ئابلەھەت كامالوف، خەمىت ھەمرايېف، پەن نامزاتلىرى رۇسلان ئارزىيېف، دىلنۇر قاسىموۋا، ھەدىيەم ئەخمەتوۋا قاتارلىق ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ياخشى تونۇلغان ئالىملار، شۇنداقلا «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھاكىمجان ئارۇپوف، «تۇران دۇنياسى» فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف ۋە باشقىلار قاتناشتى.

فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھەدىيەم ئەخمەتوۋا ئۆزىنىڭ ئىنستىتۇت ئېچىلغان دەسلەپكى كۈنلەردىن باشلاپلا ئىلمىي پائالىيەتكە كىرىشكەنلىكىنى، ئاجايىپ كەمتەر، خۇش مىجەز، كىچىك پېئىل غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ھەر بىر ياشقا قىلغان ئالاھىدە، ئاتىلارچە غەمخورلۇقى نەتىجىسىدە، ئۆزىنىڭمۇ پەن نامزاتى دېگەن ئىلمىي دەرىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى. «ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن مەن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئىلىم-پەن دۇنياسىغا ئىشىك ئاچتى. ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۈنۈملۈك ئىشلار ئېلىپ بېرىلدى. تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە، تىل، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، جۇغراپىيە، تەبىئەت-مۇھىتىنى قوغداش ۋە باشقىمۇ يۆنىلىشلەر ئالىملىرىمىزنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولدى. ئونلىغان جۇمھۇرىيەتلىك، خەلقئارا ئەنجۇمەنلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئەستە قالارلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئۇچرىشىشلىرىمۇ پات-پاتلا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇراتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلار بەك ئۈنۈملۈك بولغان ئىدى ۋە ئېسىمىزدە قالغان ئىدى. مانا بۈگۈن بىز ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا بىللە ئىشلىگەن كەسىپداشلار يىغىلىپ، بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم، قەدىرلىك ئىلىم دەرگاھىنى ئەسكە ئېلىپ، مۇڭدىشىپ ئولتۇرىمىز.»

ھ. ئەخمەتوۋا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بارلىق كەسىپداشلىرىنى شۇ ئىلىم دەرگاھىدا ئالغان بىلىمىنى، تەجرىبىسىنى داۋاملىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرپ قىلىشقا چاقىردى.

سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى دىلنۇر قاسىموۋانىڭ پىكرىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىش ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئۈچۈن مەنىۋى جەھەتتىن زور ۋەقە بولغان. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخى ۋە تەقدىرى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئۆمۈر بايانى دائىم ياشلارنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىمە بولۇپ يېتىلىشىدە دادىسى، يەنى ئاتاقلىق شائىر جامالىدىن قاسىموفنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە دادام رەھمىتى، باشقا يەرلەردە ئىشلىمەي، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئېچىلىپتۇ، شۇنىڭغا بېرىپ، خىزمەت قىلىسىز، دېدى. ئۇ، قەيەردە ئوقۇماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭ، دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇز يىل بوپتۇ. شۇ ۋاقىتتىكى ياش ئالىملار ئىنستىتۇتقا كېلىپ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىۋاتىمىز. قەيەردە بولمىسۇن، قەيەردە يۈرمەيلى، ئىنستىتۇت يېپىلىپ كەتسىمۇ، بىز شۇ ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلانغان تەتقىقاتىمىزنى يوقاتماي، ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنى بىز ئۈچۈن بىر تەقدىر بولۇپ قالدى. خەلقىمىز ئۈچۈن بىز بىلىمىمىزنى ئاشۇرۇپ، شۇ خەلقىمىزنىڭ غېمىنى يەيمىز. بۇنى، بىزنىڭ ئىلىم-پەننى ئاچقان ئاكىلىرىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ۋەسىيىتى دەپ بىلىمىز.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت