ۋېلىسىپىتلىك سەيياھ - سۇلتان ئۇسمانوف ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سەپىرىدە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-10-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكىدا ئەركىنلىك سەپىرىنى باشلىغان ۋېلىسىپىتلىك سەيياھ سۇلتان ئوسمانوف سەپەر ئۈستىدە رادىيومىزنى زىيارەت قىلدى ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2018-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكىدا ئەركىنلىك سەپىرىنى باشلىغان ۋېلىسىپىتلىك سەيياھ سۇلتان ئوسمانوف سەپەر ئۈستىدە رادىيومىزنى زىيارەت قىلدى ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2018-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Gülchéhre

18 كىلوگرام كېلىدىغان ئىككى چاقلىق ۋېلىسىپىتكە زاپاس چاق، جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق سەپەر لازىمەتلىكلىرى قوشۇلۇپ 48 كىلوگراملىق يۈك-تاقىسى بىلەن ئامېرىكىدا ئەركىنلىك سەپىرىنى باشلىغان سۇلتان ئۇسمانوف 25-ئۆكتەبىر كۈنى سەپەر ئۈستىدە رادىيومىزنى زىيارەت قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھەمدە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى بارلىق كىشىلەرگە يوللىغان ئوتلۇق سالاملىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈن بىز بۇ ئالاھىدە مېھمان بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدۇق.

سۇلتان ئۇسمانوف 1976-يىلى ئالمۇتادا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى غۇلجىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن ئىكەن. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادەت قىلغان سۇلتان ئۇسمانوف بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋۋال دۇنيانى ساياھەت قىلىش، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىدە ۋېلىسىپىتلىك سەپەرنى باشلىغان ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، ياۋروپا ئەللىرى ۋە ياپونىيە بولۇپ، جەمئىي 18 دۆلەتنىڭ تاغ-داۋانلىرىنى ۋېلىسىپىت بىلەن ئايلىنىپ چىققان. بەزىدە يالغۇز، بەزىدە ئۆزىگە ئوخشاش سەيياھلار بىلەن بىرلىكتە كەزگەن. ئۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا سەپىرىنى يالغۇز باشلىغان.

ئۇنىڭ ئالمۇتادىكى ئايالى ۋە 3 پەرزەنتىمۇ ئۇنىڭ ۋېلىسىپىتلىك سەپىرىنى قوللاپ كەلگەن ئىكەن. بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئەركىنلىك سەپىرىگە ئاتلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار ئۇنى زور ئۈمىد ۋە تىلەكلەر بىلەن ئۇزىتىپ قويغان.

ئىلگىرى ئۇ پەقەت دۇنيانى كۆرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ نۆۋەت ئۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى قاداپ، يول بويى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ ماڭغان. ئۇ بىزنىڭ سورىغان سوئالىمىزغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى:

- ھاۋا سوۋۇپ قالغىنىغا قارىماي ئامېرىكىدا ئەركىنلىك سەپىرىنى باشلىشىڭىزدا بىرەر ئالاھىدە مەقسەت بارمۇ؟
- بىز ئالمۇتادا تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلىرىمىزغا قاتتىق زۇلۇم قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئەڭ ئېغىر مەزگىللەردە ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغان ۋە قوللاۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن مەن ئەركىنلىك سەپىرىم ئارقىلىق ئامېرىكىغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بەرمەكچىمەن.

سۇلتان ئەپەندى ۋېلىسىپىتلىك دۇنيانى ئايلىنىش جەريانىدا ئىككى سائەتتە بىر توختاپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغان. يۈك-تاقلىرى ئىچىدىكى ئۆزى قۇراشتۇرغىلى بولىدىغان چېدىرى ئۇنىڭ قونالغۇسى ئىكەن. ئۇ نيۇ-يوركتىن ۋاشىنگتونغا كەلگۈچە ئەنە ئاشۇ چېدىردا 4 يەردە قونۇپ كەلگەن.

- ۋېلىسىپىت بىلەن دۇنيانى ئايلىنىش داۋامىدا سىز ئۇچرىغان ئەڭ زور قىيىنچىلىق ۋە رىقابەت نېمە؟
- بۇ سەپەر ئىنساندىن جىسمانىي قۇۋۋەتتىن باشقا تەبىئەتكە جەڭ ئېلان قىلىشتەك كۈچلۈك بىر ئىرادە ۋە روھنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەڭ زور رىقابەت ھاۋارايى، يەنى يامغۇر ۋە شامال.

- بۇ تەۋەككۈل سەپەرلىرىڭىزدىن ئالغان ئەڭ زور ئىلھامىڭىز نېمە؟
- دۇنيانى ئايلىنىش جەريانىدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ۋە ئاجايىپ تەبىئەتنى كۆردۈم، ھەر خىل رەڭلىك، ھەر خىل تىللىق ئىنسانلارنى ئۇچراتتىم، ئەڭ جىق ئۆگەنگىنىم ئىنسانلىق، ماڭا ئەڭ زور تەسىر قالدۇرغىنى ئىنسانلاردىكى مېھرى-مۇھەببەت بولدى.

- سۇلتان ئەپەندى، بۇ نۆۋەتلىك سەپىرىڭىزدە قازاقىستان بايرىقىدىن باشقا يەنە ئامېرىكا ھەم شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىمۇ بىللە ئېلىپ مېڭىپسىز، بۇنىڭدىن نېمىنى ئىپادە قىلماقچى بولدىڭىز؟
- بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن بىرلىشىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە، ئىنساندا پەقەت ئىرادە بولىدىكەن ھەر ئىش مۇمكىنچىلىككە ئېرىشىدۇ. مەن ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا ئىنسانلارغا ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيىتىم بىلەن شۇنداق سىگنالنى بەرمەكچى.

قازاقىستاندىن ۋېلىسىپىتلىك سەپىرىنى باشلىغان سۇلتان ئەپەندى دۇنيانى ئايلىنىش ئەركىنلىك سەپىرىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا خىتايغا كىرىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى قەشقەر، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىنى ئايلىنىپ، ئاخىرىدا غۇلجىدىكى قورغاس چېگراسى ئارقىلىق قازاقىستانغا قايتىپ بېرىشتەك يول-لىنىيە پىلانى بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ قانچە رىقابەتلىك بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ چوقۇم بۇ سەپەرنى پىلانى بويىچە تاماملاش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سەپەرنىڭ مۇھىملىقىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە ساقلاپ تۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، بىر تۈركىيە شىركىتىدە ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ تەۋەككۈلچى ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سەپىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ يولغا چىققان ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سەپىرىدە ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغانلىرىنى «ئامېرىكا بەك چوڭ، بەك چوڭ ئىكەن» دەپ تەسۋىرلىگەن بۇ خۇشخۇي تەۋەككۈلچى يەنە «ئامېرىكىدىكى سەپىرىمدە ئەڭ جىق كۆرگىنىم بۇغا-مارال ۋە تىيىنلار بولدى» دەپ چاقچاق قىلدى.

ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئومۇمىي سەپەر مۇساپىسى 3500 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن. بىز بۇ تەۋەككۈلچى ئۇيغۇرغا ئامانلىق، ئۇنىڭ ئەركىنلىك سەپىرىگە ئوڭۇشلۇق تىلىدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت