خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق نورۇز پائالىيىتىگە تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قاتناشمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزدە. 2014-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزدە. 2014-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاخشام ئەنقەرە ھىلتون مېھمانخانىسىدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىر مۇئاۋىنى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ نورۇز پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كەلمىگەن.

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم باش مىنىستىر مۇئاۋىنىنىڭ قاتناشماسلىقىنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە كۆرسىتىلگەن نارازىلىق دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما، ئۇ دىپلوماتىيە نۇقتىسىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىق سەۋەبىنى باشقىچە چۈشەندۈرۈش مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى خەمىت گۆكتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، باش مىنىستىر مۇئاۋىنى پروفېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە 20 مىڭ كىشىلىك بىر نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ياش ۋاقتىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قاتناشمىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئەلچىلىكى ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىگە تۈركىيە-خىتاي پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسى، بەزى قازاق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، بەزى تۈركلەر ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ھەم باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى شۇنىڭدەك خىتايلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 350 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە خامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت