ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان سۈرەتلىك ژۇرنالدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-12-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۇرپان ئايالىنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. «سۈرەتتىكى ئاسىيا ئازسانلىق مىللەتلىرى» ناملىق ژۇرنالدىن ئېلىنغان.
تۇرپان ئايالىنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. «سۈرەتتىكى ئاسىيا ئازسانلىق مىللەتلىرى» ناملىق ژۇرنالدىن ئېلىنغان.
RFA/Qutluq

ياپونىيەلىك ساياھەت يازغۇچىسى مورىتا يۇزو تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە قەدىمكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان تۇرپاننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، كىلىماتى قۇرغاق،سۇ بايلىقى كەمچىل بولغاچقا قەدىمكى زاماندا تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كارىز سۈيىگە تايىنىپ دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرگەنلىكى، كارىزدىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىدىن پايدىلىنىپ دەرەخ تىكىپ يېشىللىق بەرپا قىلىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ئېلىپ بېرىپ بۇ چۆللۈك ئىچىدە بوستانلىق ھاسىل قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يازغۇچى كارىز ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان «كارىز كۆپلىگەن يەر ئاستى قۇدۇقلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىدىن ياسالغان يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىگە باشلايدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلىك بىر خىل ئېرىق بولۇپ، ئۇ پەقەت تۇرپان دىيارىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىگە ماسلاشقان.»

ماقالىدە ئاپتور تۇرپاندىكى كارىز سانىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھازىر تۇرپاندا كارىزدىن باشقا دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىكنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان 426 ئۆستەڭ ۋە بەش چوڭ سۇ ئامبىرىنىڭ بارلىقىنى، تۇرپاننىڭ سۇ مەنبەسى ئاساسلىقى ئەتراپتىكى تەڭرىتاغلىرىدىن ئېقىپ كەلگەن قار-مۇزلاردىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە تۇرپاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانىنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلاردىن باشقا خىتاي ۋە تۇڭگانلارنىڭمۇ نوپۇس جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكىنى بىلدۈرگەن.

يازغۇچى ماقالىدە تۇرپاننىڭ دۇنياغا داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ھېسابلىنىدىغان كىشمىش ئۈزۈمى، قوغۇنى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە، تۇرپاندىن چىقىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يېسىۋىلەك، سەۋزە، پەمىدۇر، تەرخەمەك ۋە پىياز قاتارلىق كۆكتاتلار توغرىسىدىمۇ توختالغان شۇنداقلا تۇرپاندا شالنىڭ كۆپ تېرىلمايدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

يازغۇچى ماقالىسىدە تۇرپاندىن چىقىدىغان تەرخەمەك ۋە كۈنجۈتنىڭ قەدىمكى خىتاي تىلىدىكى خەت شەكلى ۋە شۇنداقلا ياپون تىلىدىكى خەت شەكلىنىڭ يېزىلىشى ئۈستىدە توختىلىپ؛ «تەرخەمەك ۋە كۈنجۈت تۇرپاندىن خىتايغا، ياپونغا تارالغان دېسەك خاتالاشمايمىز، سەۋەبى ئىككىلا خەتنىڭ يېزىلىش شەكلى بىرسىدە خۇلارنىڭ كاۋىسى، يەنە بىرىدە خۇلارنىڭ كۈنجۈتى ۋە ياكى كەندىرى دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. خۇلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تارىخىي كىتابلىرىدىكى ئاتىلىشى بولۇپ، تۇرپان خۇلارنىڭ قەدىمىي ماكانلىرىدىن بىرى ئىدى» دېيىلگەن.

يازغۇچى ماقالىسىدىكى «ئۇرۇقى يوق ئۈزۈم» دېگەن تېمىسىدا تۇرپاندا باغۋەنچىلىكتە ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ئۈزۈم سورتلىرى كىشمىش، ئۇزۇن كىشمىش، يوغان كىشمىش، ئۇرۇقلۇق كىشمىش، قىزىل سايۋا، سايۋا ئۈزۈم، ئاق ئۈزۈم، قارا ئۈزۈم، كەنجى ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، كىشمىش ئۈزۈمى ئۆزىنىڭ مەشھۇرلىقى بىلەن پۈتكۈل ئاسىيا قىتئەسىدە سېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ھازىر خەلقئارا بازارلاردا «خامىگۇا» يەنى قۇمۇل قوغۇنى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان قوغۇننىڭ ئەمەلىيەتتە بولسا ئىدىقۇت باغرىدىكى پىچان ناھىيىسىنىڭ گۈزەل مەھەللىرىدىن بىرى بولغان ھۆڭ دېگەن جايدىن چىقىدىغان ئالاھىدە سورتلۇق قوغۇن «ھۆڭ قوغۇنى»نىڭ تارىخى نامىدىن كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە ئاپتور كىشمىش ئۈزۈمى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:«كىشمىش ئۈزۈمى بۇندىن 1700 يىل بۇرۇن تۇرپاندا بايقالغان. بۇ خىلدىكى ئۈزۈم پەقەتلا تۇرپاندىلا ئۆستۈرۈلىدۇ. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆستۈرۈش مۇمكىنچىلىكى يوق. چۈنكى، باشقا جايلارنىڭ ھاۋا كىلىماتى بۇنىڭغا توغرا كەلمەيدۇ. بۇ ئۈزۈم تۈرى تولىمۇ ئاجىز بولۇپ، سوغۇق ھاۋاغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا تۇرپاندا ئۆكتەبىر ئېيىدا بۇ ئۈزۈم تەكلىرى يەرگە كۆمۈلۈپ، كېلىدىغان يىلىنىڭ مارت ئېيىدا كۆمگەن يەردىن ئېچىلىدۇ.»

يازغۇچى ماقالىسىدىكى «تۇرپاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى» دېگەن تېمىسىدا تۇرپان شەھىرىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يالقۇنتاغ باغرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىزەكلىكتە كۆپلىگەن بۇددا دىنىغا ئائىت مىڭ ئۆيلەرنىڭ بارلىقىنى، بىزەكلىكتىكى مىڭ ئۆيلەرنىڭ دەسلەپتە ئىسلام دىنى بۇ رايونغا تارالغاندا مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ يەردىكى بۇددا دىنىغا ئائىت ئاسارە‏-ئەتىقىلەرنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا غەربلىكلەر، ياپونلار تەرىپىدىن ئۆز مەملىكەتلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە شۇنداقلا خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۈللەنگەن مەركىزى شەھەرلىرىدىن بىر بولغان چاڭئەنگە تارالغان بۇددا مەدەنىيەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۇرپاندىن تارقالغانلىقىنى بايان قىلغان.

يازغۇچى ماقالىسىنى «تۇرپان مىسلىسىز تارىخىي بايلىققا ۋە بۈيۈك مەدەنىيەتلەرگە تولغان زېمىندۇر» دېگەن جۈملىلەر ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرغان.

ماقالىدە يەنە، تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باغۋەنچىلىك، ئۈزۈمچىلىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ۋە كارىزغا دائىر كۆپلىگەن رەڭلىك سۈرەتلەرمۇ قوشۇپ بېرىلگەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ياپونىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۇرپان ئۈزۈمى ۋە قوغۇننىڭ ياپونىيە بازارلىرىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت