ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر سودا يەرمەنكە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سودا يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 19-ماي.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سودا يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 19-ماي.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنۇنبۇرنۇ رايونىدىكى بىر مەيداندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت سودا يەرمەنكىسى ئېچىلدى. بۇ يەرمەنكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلدى.

بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بۇيۇملىرى، يېمەكلىكلەر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كېرەكلىك بولغان ھەر خىل بۇيۇملار شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ سېتىشقا چىقىرىلدى. بۇ يەرمەنكىنى ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە، كۆپ ساندا تۈرك ۋە باشقا خەلقلەرمۇ زىيارەتكە كېلىپ سودا-سېتىق قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەرمەنكىدە سېتىشقا چىقىرىلغان بۇيۇملارنىڭ كۆپىنچىسىنى سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تۈرك خەير-ساخاۋەتچىلەر ئىئانە قىلغان بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئېھتىياجى بولمىسىمۇ، ئىئانە مەقسىتىدە نەرسە-كېرەك سېتىۋالدى.

3 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇلى كېرەم قارىم كوچار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. كېرەم قارىم بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، سودا يەرمەنكە پائالىيىتىدە بىر تەرەپتىن سودا ‏-سېتىق قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادى كىرىم قىلىش ۋە بۇنى ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا ئىشلىتىشنى، يەنە بىر تەرەپتىن دوستلار ئارا ئۇچرىشىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ پائالىيەتتە بىر تەرەپتىن سودا-سېتىق ئىشلىرى داۋام قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قايسى رايون ۋە مەھەللىلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە توپلىشىپ ئۇچراشتى، ھال ئەھۋال سوراشتى ۋە چاي سۆھبىتى ئېلىپ باردى.

بىز يەنە بۇ پائالىيەت توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت