غەربنىڭ «ياردىمى» دە شەرق دۇنياسىدا كېڭىيىۋاتقان تۇتقۇنلار ئەمگىكى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا پروفېسسور مايكىل پوسنېر(سولدا) ۋە دوكتور ئادريان زېنز ئەپەندىلەر گۇۋاھلىق بەردى. 2019-يىلى 17-ئۆكتەبىر. ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا پروفېسسور مايكىل پوسنېر(سولدا) ۋە دوكتور ئادريان زېنز ئەپەندىلەر گۇۋاھلىق بەردى. 2019-يىلى 17-ئۆكتەبىر. ۋاشىنگتون.
cecc.gov

«ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈمنى ئىسلاھات قىلىشنى زىنھار خالىماسلىقى پەيدا قىلغان ئىككى تۈرلۈك ھادىسە» دەيدۇ پروفېسسور مايكىل پوسنېر. نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۆتكۈزگەن 17-ئۆكتەبىردىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىدە غەرب شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكا ياردىمى بەكمۇ زور رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ يۇقىرىقى سۆزنى قىلدى.

پروفېسسور مايكىل پوسنېرنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئومۇمىي خەلقنىڭ نامراتلىقىنى تۈگەتتۇق» دەپ ماختانغان بىلەن ئەڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشى خىتايدىكى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىشى ھەممىگە مەلۇملۇق پاكىت بولۇپ قالغانلىقى، يەنە كېلىپ لاگېرغا قامالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئاشكارا بولۇشى بىلەن ئامېرىكا تەرەپتىن بىر قاتار ئىجابىي ئىنكاسلار مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇنىڭدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 28 خىتاي مۇئەسسەسىنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە خوتەندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغان بالىلار كىيىملىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قالغانلىقى زور دەرىجىدە ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئەھۋال ئىكەن.

پروفېسسور مايكىل شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ بېسىمى بىلەن بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايغا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ساتماس بولغان. چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلار بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنى نىشان قىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ھەمدەم بولۇپ قالغان. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھېلىھەم بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ نازارەت مېخانىزمى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا زور مىقداردا ساتماقتا. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نازارەت سىستېمىسى ۋە تۇتقۇن ھەرىكىتى ناھايىتى ئۈنۈملۈك داۋام قىلماقتا. بولۇپمۇ Thermo Fisher، Hikvision، Amax قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا پائالىيىتى ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ناھايىتى زور قۇلايلىقنى يارىتىپ بەرگەن. ئەمدىلىكتە بولسا Google، Microsoft، Apple قاتارلىق شىركەتلەر بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاينىڭ شەرتلىرىگە قوشۇلغان ھالدا خىتايدا كېڭىيىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى «شۇ جاينىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلغانلىق» دەپ ئاقلىسىمۇ بۇنىڭدا كۆپلىگەن سوئاللار مەۋجۇت.

گۇۋاھلىق يىغىنىدا سۆز قىلغان يەنە بىر ئالىم «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خادىمى، دوكتور ئادريان زېنز ئىدى. ئۇ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ بولغاندىن كېيىنكى مۇھىم قەدەمنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر «ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق» بەرپا قىلىش نامىدا لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەھكەم ھالدا ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتماقتا، شۇنداقلا ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.

دوكتور ئادرياننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ يادروسى بولغان بۇ رايوندا ئاز دېگەندىمۇ «ئاز سانلىق» مىللەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق كونتروللۇقىدا بولۇش، ئۇلاردىكى ئىككى ئەۋلادنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇلىنىش يۈزلىنىشىنى كېسىپ تاشلاش، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى›نىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلىش دېگەندەك مەقسەدلەرگە يېتەلەيدىكەن. ھازىر تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان لاگېرلار بولسا بۇنىڭدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بۇنىڭدىكى ئىككىنچى قەدەمنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىكەن. بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى مەۋجۇت بولغانلىقتىن ھازىر «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ مىليارد-مىليارد سوملاپ مەبلەغ سېلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ زاۋۇتلارنى ئېچىشى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا «يەرلىك خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ماۋزۇسىدا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.

يىغىن ئارىلىقىدا بىز پروفېسسور مايكىل پوسنېر بىلەن بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا شېرىك خىتاي شىركەتلىرى ۋە مۇئەسسەلىرىنى جازالاشقا ئۆتۈشىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىگە، شۇنىڭدەك نازارەت مېخانىزمىنى ئىجرا قىلغۇچى شىركەتلەر، مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى مەھبۇسلار ئەمگىكى مەسىلىسىگە قاراپ چىقتى. ئەمدى بۇ يەردىكى مەسىلە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلەرنى قانداق ئىجرا قىلىدۇ، دېگەنگە ئاپىرىدۇ. يەنە بىرى ئامېرىكا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ‹سېنىڭ شىنجاڭدا قىلىۋاتقانلىرىڭ پۈتۈنلەي يولدىن چىقىپ كەتكەنلىك› دېگەن ئۇچۇرنى يوللاۋاتىدۇ.»

بىز نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەھبۇسلار ئەمگىكى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىسپاتلار مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئامېرىكادا بۇ خىل ئەمگەكنىڭ مەھسۇلاتىغا بازار چىقىشى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭغا مەلۇم بىر جەرياننىڭ كېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ يەردىكى مۇھىم بىر مەسىلە ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان قانۇنلارنى ھەمدە بىز ھازىر ئىجرا قىلىشقا يوللىغان تەدبىرلەرنى تېخىمۇ قاتتىق رەۋىشتە ئىجرا قىلىشتۇر. بۇنىڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى مەھبۇسلار ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق لازىم. بۇنىڭدىكى يەنە بىر قىيىن مەسىلە بۇنى ئەمەلىيەتتە قانداق ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدۇر. چۈنكى ھازىر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ناھايىتى قاباھەتلىك شەكىلدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ بولسا ئاشكارا ۋە ئېغىر بولغان، يەنە كېلىپ زور كۆلەمنى تەشكىل قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىدە قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنچىلىك قىلىپ بۇ مەسىلىدىكى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم.»

دوكتور ئادريان زېنز بولسا ئۆزىنىڭ مەھبۇسلار ئەمگىكىنىڭ مەقسىتى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۆزلىرىنىڭ «ئىجتىمائىي كونتروللۇق» تەك ئاخىرقى نىشانى ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىۋالغان، خالاس. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئاساسىي نىشان مۇقىملىق ۋە كونتروللۇق. چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇلار كىشىلەرنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇۋاتقان ماكانلارغا بەند قىلىپ قويالايدۇ. بۇ جايلارغا بەند قىلىنغان كىشىلەر دىن بىلەن مەشغۇل بولالمايدۇ، ئەكسىچە پەقەت بۇيرۇلغان خىزمەتنىلا قىلىدۇ. بۇنىڭدا يەنە بىر ياقتىن ھەرقايسى ئائىلىلەر چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىدىغان بولغاچقا ھۆكۈمەت بۇ ئائىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىشتا بۇ ئائىلىلەردىنمۇ كۆپرەك ۋاقىتقا ئىگە بولالايدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائىي كونتروللۇق بولسا ئۇيغۇرلارنى ئۇدۇللا مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانىدۇر.»

بىز بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ گىتلېر گېرمانىيەسى دەۋرىدە يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەن ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئىككى خىل ھادىسە ئوتتۇرىسىدا قانداق ماھىيەتلىك پەرق بارلىقىنى سورىدۇق. دوكتور ئادريان بۇنىڭدىكى ئاخىرقى مەقسەتنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەننىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» نى كۆزلىگەن تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا بۇلارغا تېخىمۇ تەپسىلىيرەك قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسىدا ئۇلارنى يوقىتىۋېتىش باش نىشان قىلىنغان، بۇنىڭدا ئىرقىي تازىلاش خاھىشى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شىنجاڭدىكىسى بولسا ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلىگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق بولغان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆزلىگەن تەدبىرلەردۇر.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دەسلەپكى قەدەمدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ غەرب دۇنياسىدا تېخىمۇ كۆپ ئىنكاس ۋە تەدبىرلەرگە سەۋەب بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت