ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى سادالار كۈچەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ مەلۇم شىركىتىنىڭ زاۋۇتىدا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 17-ئۆكتەبىر، خوتەن.
خىتاينىڭ مەلۇم شىركىتىنىڭ زاۋۇتىدا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 17-ئۆكتەبىر، خوتەن.
CCTV via AP Video

يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى چاپچال ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ 2019‏-يىلى چۈشۈرگەن ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-كەنت پۇقرالىرىغا «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى كومپارتىيەگە، شۇنداقلا زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ تۈزۈمىگە ئىتائەتمەن ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ھۆججەتتە، چاپچال ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەرگە سان چۈشۈرۈپ، بۇ ناھىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن چوقۇم زاۋۇت كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلىشى، ئىشلەشنى رەت قىلغان ئائىلىلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ھۆججەتتە، «كەسپىي تەربىيە» ئارقىلىق يەرلىك پۇقرالاردىكى «چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ھورۇنلۇق، بىپەرۋالىق، بوشاڭلىق، باشباشتاقلىق، شەخسىيەتچىلىك خاھىشلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇلارنىڭ شىركەت قائىدە-تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىدىغان شەخسلەرگە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر ھۆججەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى كەڭ كۆلەملىك خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ «كەسپىي تەربىيە» ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى ۋە «ئەسەبىيلىك» ئىدىيەسىدىن خالى قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-كارخانىلارغا يۈزلەندۈرۈپ، خەلقئارادا «لاگېرلار تاقالدى» دېگەن تەسىرات يارىتىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ، بىر خىل مۇقىملىق تەدبىرى بولۇپ، خىتاينىڭ پىلانى ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا زاۋۇت-كارخانىلارغا بەنت قىلىش، ئۇلارنى بۇ ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇش ئىكەن. 

يېقىندا ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق جېنجياڭ، چۈئەنجوۋ قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ، بۇ جايلاردىكى ئاياق، كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ جايلاردىكى بەزى زاۋۇت كارخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. جېنجياڭ شەھىرىدىكى بىر زاۋۇت ئۆزلىرىدە ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ بارلىقىنى رەت قىلدى. فۇجيەننىڭ چۈئەنجو شەھىرىدىكى «خەيئاۋ ئاياق شىركىتى» نىڭ لىن پەمىلىلىك دىرېكتورى ئۆزىنىڭ زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ ھەر ئىككى قېتىملىق تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ گېپى چىقىشىغا تېلېفوننى دەرھال قويۇۋەتتى. 

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندۇرۇش ئۇنىڭ مەزكۇر رايوننى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەن. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكىشىنىڭ خەلقئارا تەنقىدلەرگە تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ لاگېر قۇرۇلۇشىدا تۆلىگەن مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر خىل تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ھازىرقى بۇ يۈزەكى ئۆزگەرتىشى ئۇنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىككە قايتۇرىۋاتقان ئىنكاسى. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىسا، غەرب ئەللىرى ئالدىنىپ كېتىشى مۇمكىن. جازا لاگېرلىرىنى بوشىتىپ، قويۇپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قۇرۇق لاگېرلارنى كۆرسىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىۋاتىمىز. مەسىلەن، يېقىندا CGTN بىر قۇرۇق لاگېرنى كۆرسەتتى، بۇرۇنقى لاگېر، دەپ. بۇ يەردە بۇ خىتاي ئىقتىسادى، ئىستىراتېگىيە، دىپلوماتىيە، سىياسى جەھەتتىن ئىچكى ۋە تاشقى تەنقىدلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تۆلىگەن مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بىر تاكتىكىسى، دەپ كۆرۈش مۇمكىن.»

بەزى غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قۇللار ئەمگىكىگە سالماقتىكەن. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇللار ئەمگىكىدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى غەرب بازىرىغا ئېكسپورت قىلىپ، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىن رىقابەت ئۆلچىمى ۋە ئىستىمال ئەخلاقىغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. 

فرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارىي خولزمەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئېنىق مەسىلە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە، خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى ئىشلەشكە بۇيرۇق قىلىپ، لاگېر ئەتراپىدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ كىشىلەر لاگېردىن چىقىپ، زاۋۇت-كارخانىلاردا ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە مۇخالىپ بولغان قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلدى. خىتايدا، بولۇپمۇ شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق ناچارلىقتىن قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتكە تەرەققى قىلىپ باردى.» 

مارىيە خولزمەن خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، لاگېرلار ئۇيغۇرلارنى ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش بىلەن نەتىجىلىنىپ قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلماقتىكەن. ئۇ، يۇقىرىقى سۆزلەرنى يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى. مارىيە خولزمەن ئۇيغۇرنىڭ بىر خىل ماشىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «لاگېردىكى بىچارە ئۇيغۇرلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئائىلە سىستېمىسىمۇ ۋەيران قىلىندى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق ئىش ھەققى ئالماي ھەر كۈنى 10-12 سائەت ئىشلەيدىغان بىر خىل ماشىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن قورقۇنچقا سالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق بولغانلىقىدا، ئۇلاردا قورقۇنچلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىركەشكۈدەك يېتەرلىك كۈچنىڭ بولمىغانلىقىدا.» 

ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىگە ئامېرىكانىڭ مەۋجۇت قانۇن-تۈزۈمى بىلەن تاقابىل تۇرۇشنىڭ قىيىنلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر مېخانىزىم قۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان يېڭى زاماندىكى بۇ قۇللۇق تۈزۈمى يېڭى بىر نەرسە ئەمەس. بۇرۇن بۇ ھاشار شەكلىدە يولغا قويۇلاتتى. 2009‏-يىلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبىمۇ مۇشۇ خىل قانۇنسىز ئەمگەكنىڭ سەۋەبىدىن بولغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمدى ھازىر بۇ مەسىلىنى مەۋجۇت قانۇنلار بىلەن تىزگىنلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، مەخسۇس قانۇنسىز ئەمگەككە قارشى قانداق قانۇنىي تەدبىر قوللىنىش كېرەك، دەپ، بۇنى پەقەتلام ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىغا، ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، دەپ قاراۋاتىدۇ.» 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چاپچال ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتى خىتاي دائىرلىرىنىڭ لاگېردىكى ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكەپ، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، چاپچال ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدىكى «ئىشلەشنى خالىمىغانلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى شەخسىيەتچىل ئىدىيەنى ئەيىبلىشى» تەلەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت