كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي زاۋۇتلىرى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدىكى خىتايغا قايتۇرۇلغان ماسكىلار.
تۈركىيەدىكى خىتايغا قايتۇرۇلغان ماسكىلار.
Social Media

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقاتى مەركىزى بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكى ۋە 80 شىركەتنىڭ بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن بۇيان، بۇ مەسىلىگە ئائىت يېڭى تەپسىلاتلار داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

20-ئىيۇل، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» تورىنىڭ ۋىدىيولۇق خەۋەر قىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسى دۇنيا مىقياسىدا يامرىغاندىن كېيىن، خىتايدا ۋە خەلقئارادا ماسكىلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي زاۋۇتلىرى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەن. بىر قىسىم زاۋۇت-كارخانىلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم تۈرىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ياردەم تۈرى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاساس قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋىرۇس يامراشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا شىنجاڭدا تېببىي داۋالاش ۋە كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تۆت زاۋۇت بار بولۇپ، بۇ يىل 30-ئىيۇنغا كەلگەندە 51 زاۋۇتقا كۆپەيگەن. تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق، بۇنىڭ ئىچىدە تەڭرىتاغ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قاتارلىق 17 زاۋۇتنىڭ «ئەمگەك كۈچى» يۆتكەش پىلانىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى مەلۇم بولغان. بۇ زاۋۇت-كارخانىلار ئاساسەن خىتاي بازىرىنى تەمىنلەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق بۇ ۋىدىيولۇق خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى پىكرىنى بايان قىلىپ، «بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلارنى ‹قۇل ئىشچى› ئورنىدا ئىشلىتىش مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا بارغانچە مۇھىم تېمىغا ئايلانغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، بۇ ۋىدىيولۇق خەۋەردە كۆرسىتىلگەن «قۇل ئىشچى» مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ تولۇق بىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەنە شۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكا خىتاينىڭ 11 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى سىرتىدىكى بىر نەچچە زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار خەلقئاراغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خۇبېي خەيشىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماسكىلار ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن. بۇ زاۋۇتتا 131 ئۇيغۇر قىز ئىشلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جياڭشى دېئەن ناھىيەسى مېيباۋلى شىركىتىنىڭ زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان ماسكىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن، بۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ 25 پىرسەنتى ئۇيغۇر قىزلار ئىكەن. ئۇلار خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچە ئۆگىنىدىكەن ۋە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن. ئۇلارغا يەنە «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر نىيەتتە تىرىشايلى» دېگەندەك سىياسىي تەشۋىقاتلار دائىم ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى، بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان قىزلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قاتتىق چەكلىمە، ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشايدىغانلىقى ۋە بەلكىم خورلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر ۋىدىيونى كۆرگەنلىكىنى، خورلىنىۋاتقان قىزنىڭ ئۇيغۇر قىز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ ۋىدىيونىڭ ئىشچىلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاباھەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركىلى تارمىقى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى ئىشخانىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورۇنلار ھەر قايسى جايلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىگە دائىر ۋىدىيو ۋە تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى توپلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كۈچىدىن خالىغانچە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، ۋىرۇس يامرىغان مەزگىلدىمۇ ئەڭ خەتەرلىك جايلاردا ئۇلارنى ئىشقا سالغانلىقى ھەققىدە ئىسپاتلارنى تەييارلىغان.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋىرۇس يامرىغان خەتەرلىك ۋاقىت، خەتەرلىك مۇھىتتا «قۇل ئىشچى» قىلىپ ئىشلىتىشتىكى مەقسىتى ئۇلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىكەن.

بۇ خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ «نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈرى مەبلىغىنىڭ تەقسىمات جەدۋىلى» ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلى، ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي، چۆچەك، ئالتاي، بورتالا، بايىنغولىن، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن جەمئىي 50 مىڭ 110 ئادەم ئەمگەك كۈچى ھېسابلىنىپ تىزىمغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ، مەخسۇس تۈر مەبلىغىگە ئېرىشكەن زاۋۇتلار ئۈچۈن ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىدىكەن.

خەۋەردە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك» دەپ يۈرۈۋاتىدۇ. خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى زور مىقداردا يۆتكەپ ئىشلىتىشنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ياردەم بېرىش» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ چەتئەلدىكى دىپلوماتلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ تەشۋىقاتقا ئاكتىپ ماسلىشىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ «ئەمگەك كۈچىنى نورمىلىق تەقسىملەش، ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغۇچىلارنى جازالاش» دېگەندەك تۈزۈملىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ئۇ زاۋۇتلارغا ئۆزى خالاپ بارمايدىغانلىقى ئېنىق. «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى ئەمىي لەھىرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق مەجبۇرىي ئىش تەقسىماتى كىشىلەرنى ئۆزى خالىمايدىغان يەرگە بېرىش ئىشلەشكە زورلايدۇ. خەلقئارا قانۇن بويىچە، بۇنى مەجبۇرىي ئەمگەك دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ھازىر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن. دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشتە قوللىنىلىدىغان ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ماقۇللاش ئۈچۈن ئىسپات ئېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

روشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىش جىنايىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ ئىزچىل تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلماقچى بولغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھىسى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكاىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت