ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەكشۈرىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-مارت، لوندون.
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-مارت، لوندون.
AFP

ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى «بۇھۇ» مودا كېيىم شىركىتى قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدىكەن ۋە بۇ ھەقتە گۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىدىكەن.

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتى سودا كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى «بۇھۇ» قاتارلىق ئەنگلىيە ماركىلىرى ۋە ئەنگلىيەدە سودا قىلىدىغان داڭلىق شىركەتلەر بىلىپ-بىلمەي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار توپىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پارلامېنت ئەزالىرى «ئامازون»، «بۇھۇ»، «گەپ»، «ئىكېيا»، «نايكې»، «ۋىكتورىيە مەخپىيىتى» قاتارلىق خىتايدا تەمىنلەش زەنجىرى مەۋجۇت ئون نەچچە داڭلىق شىركەتلەردىن ئالدىنقى ئايدا يازما ئىسپات تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 

سودا كومىتېتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى نۇسرات غېنى مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيەدە سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىدىغانلىقىنى ئائىت بىر يۈرۈش ئىنكاسلار بار. بىز بۇ مەسىلىنىڭ دەرىجىسىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىپ يەتمەكچى.»

ئەنگلىيەنىڭ سودىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن پائۇل سكۇللىي ۋە سودا ۋازارىتى ئەمگەك بازىرىنىڭ دىرېكتورى مايكېل ۋاررېنمۇ گۇۋاھچىلار تىزىملىكىدە بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «بۇھۇ» قاتارلىق بىر نەچچە شىركەت ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ئەنگلىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرغان ۋە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت