خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئۈن چىقارماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوتەندىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر.
خوتەندىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر.
Social Media

غەرب دۇنياسىدىكى 3 نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى 10-نويابىر خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى گاي رايدېرغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنى كەڭ كۆلەملىك ئومۇملاشقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى كەسكىن ئىپادىلەر بىلەن تەنقىدلەشكە چاقىرغان. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، گاي رايدېر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقان خىتاينىڭ» خەلقئارا ئەمگەك ئەھدىنامىلىرىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك «ئىكەن.

د ئۇ ق بۇ مەكتۇپنى يازغان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 10-نويابىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا» ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا ئەمدى پەرۋا قىلماسلىققا، بولۇپمۇ ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان مەزكۇر خەلقئارا ئورگاننىڭ پەرۋا قىلماسلىقىغا بولمايدىغانلىقى «نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە،» ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى خورلاۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىشىنى كۈتمەكتىكەن «.

لېكىن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەمگەك ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئاشكارا باھا بەرمەيدىكەن. بىز 11-نويابىر خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەكتۇپىغا بولغان ئىنكاسىنى سورىغانىدۇق.

بۇ ئورگاننىڭ ئاخبارات ئىشلار مەسئۇلى روسالىند ياردې خانىم 12-نويابىر مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن باياناتىدا،» ئىشخانىمىز ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر بايانلارغا ئاشكارا باھا بەرمەيدۇ. ھۆكۈمەتلەر، خىزمەت ئورۇنلىرى ياكى ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى بۇ خىل شىكايەتلەرنى خەلقئارا ئەمگەك ئەھدىنامىلىرىنىڭ ئالاقىدار نازارەت ئورگانلىرىغا سۇنسا بولىدۇ «دېيىلگەن.

لېكىن ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش، جازالاش، ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ھېچقانداق بىر ئەھدىنامىسىنى ھازىرغا قەدەر تەستىقلىمىغانىكەن. باياناتتا مۇنداق دەيدۇ:» ھالبۇكى، خىتاي ھازىرغا قەدەر خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش، جازالاش، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ھېچقانداق قورالىنى تەستىقلاپ باقمىدى. لېكىن ئۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى 29-نومۇرلۇق مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ «.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە،» خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 29-نومۇرلۇق ئەھدىنامىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەر خىل شەكلى ۋە مەجبۇرىيەت ئەمگىكى چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ‹ھەرقانداق بىر كىشىدىن جازالاش تەھدىتى ئاستىدا تەلەپ قىلىنغان ياكى ئۇ شەخس خالاپ قىلمىغان ھەرقانداق ئىش ۋە خىزمەت› مەجبۇرىي ئەمگەك، دەپ بېكىتىلگەنىكەن «.

كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئەمگەك ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقى ئۇنىڭ ئىناۋىتىگە دەخلى يەتكۈزمەكتىكەن. گېرمانىيەدىكى» خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى «نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىيۇس 11-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:» خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە چىقارغان خەلقئارا ئەھدىنامىلىرىنى قوغدىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئىناۋىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى تەستىقلىغان ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىشىغا سەل قارىماسلىقى لازىم «.

دېلىيۇسنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئەمگەك ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش مېخانىزمى كەمچىل ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كېتىۋاتقان بىر يېتەرسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:» لېكىن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن مەسىلە، ئۇنىڭدا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىدىغان يېتەرلىك مېخانىزم يوق. ئۇلارنىڭ ئارمىيەسى يوق ياكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىنى چەكلەيدىغان قورالى يوق. شۇنداقتىمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش يەنىلا زۆرۈر «.

بۇ مەكتۇپقا يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ» ئېنىق ۋە ئوچۇق بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىغا بولمايدىغانلىقى «تەكىتلەنگەن. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى» پۈتكۈل رايوننى مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ «، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي، ئېتنىك ۋە دىنىي كەمسىتىشنى چەكلەش، ئەمگەك ئەركىنلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى 111 ۋە 122-نومۇرلۇق ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپلىق قىلماقتىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ماكس گېلبېر 11-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ كېلەر يىلى 3-ئايدىكى يىغىنىدا خىتايغا قارشى بىر قارار ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:» بىز باش دىرېكتورنىڭ 2021-يىلى 3-ئايدا باشلىنىدىغان كېلەر قېتىملىق يىغىنىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ قارار ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئەھدىنامىدىكى بەلگىلىمە ۋە ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار «.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتور گاي رايدېر بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ:» شۇڭا، بىز باش دىرېكتورنىڭ ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشىنى، ئىدارە ھەيئىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي مىقياسىدىكى قىلمىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى كەسكىن تەنقىد قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز «دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىل، ھۆججەت، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى، تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغان. ئۇلرىخ دېلىيۇسنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا ئاممىۋى جەمئىيەتلەر، سەنئەتچىلەر ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:» مەنچە سىز دۆلەتلەرنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىنى ساقلىسىڭىز، بەلكىم ئۇزۇن ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىز باشقا بىر يول بىلەن بېسىم قىلىشىمىز كېرەك. ئاممىۋى جەمئىيەتلەر، سەنئەتچىلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىرى بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھۆكۈمەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مايىل «.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەكتۇپىدا، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا» مەيلى قەيەردە يۈز بەرسۇن، خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھەقلىرىنى ئالغا سۈرۈش، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئوخشاشلا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسان ۋە ئەمگەك ھەقلىرىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك بۇ ئەندىزە ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك «دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت