«مەن-ناتىق» ناملىق بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-11-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«مەن-ناتىق» ناملىق بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ سىنىدىن ئېلىنغان.
«مەن-ناتىق» ناملىق بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ سىنىدىن ئېلىنغان.
Social Media

30-ئۆكتەبىر كۈنى 2-قېتىملىق توردا ئېلىپ بېرىلغان «مەن-ناتىق» ناملىق ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ 2020-يىلىدىكى پائالىيەتلىرى ئاساسەن تور يۈزىدە داۋام قىلماقتا.

ئالدىنقى يىلى «ئايخان مائارىپى» ئورۇنلاشتۇرغان «مەن-ناتىق» ناملىق بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى بۇ قېتىم بۈگۈنكى ئالاھىدە شارائىتتا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ قېتىملىق «مەن-ناتىق» ئۇيغۇر بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا تىلىنى ئىشلىتىدىغان بىر سەھنە يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن «ئايخان مائارىپى» 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىستانبۇلدا «مەن-ناتىق» دېگەن تېمىدا بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ مۇسابىقىنى ھەر يىلى داۋاملاشتۇرۇش پىلانلىغان ئىكەن.

مۇسابىقىگە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، «ئوقۇ ئۇيغۇر-بىلىگ يۇرتى» مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ھەبىبۇللا كۈسەنى، دوكتور مەمتىمىن ئەلا قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشتا بالىلارنىڭ «قەلئە» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

مۇسابىقىگە تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىدىن 25 ماھىر قاتناشقان. ماھىرلار يېشىغا ئاساسەن «7-8 ياشلىقلار»، «9-10 ياشلىقلار» ۋە «11-14 ياشلىقلار» دېگەن ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئەسىرى چوقۇم ئۇلارنىڭ ئۆز ئىجادىيىتى بولۇشى شەرت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئەسەرلىرىنى سىنغا ئېلىپ، «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» نىڭ «مەن-ناتىق» ئۇيغۇر بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى باھالاش ھەيئىتىگە ئەۋەتكەن.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادىلجان ئەرئۇيغۇر، ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى زۇلھايات ئۆتكۈر، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مەھمۇدجان ياسىن قاتارلىقلار باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قېلىنغان. باھالىغۇچىلار ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، ماھىرلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى، نۇتۇق سۆزلىگەن ۋاقىتتىكى بەدەن تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن كىيگەن كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىق ئامىللار بويىچە ئەستايىدىل باھالاپ چىققان.

باھالىغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى چەت ئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىكەن. ئائىلىدىن باشقا ئانا تىل مۇھىتى يوق شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئانا تىلدا ئەسەر يېزىشى ۋە ئۆز ئەسىرىنى ناھايىتى راۋان، جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىشى ئۇلارنى سۆيۈندۈرگەن.

ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى «ۋەتەن»، «سېغىنىش» ۋە «ئانا تىل» قاتارلىق تېمىلارغا بېغىشلانغان ئىكەن.

«7-8 ياشلىقلار» گۇرۇپپىسىدىن ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان 8 ياشلىق تەفىدە غوپۇر، «9-10 ياشلىقلار» گۇرۇپپىسىدىن ئۈچ ياش ۋاقتىدا يۇرتىدىن ئايرىلغان، ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 9 ياشلىق بىلال ئابدۇلۋاھاب، «11-14 ياشلىقلار» گۇرۇپپىسىدىن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان 13 ياشلىق نازاكەت مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلاردىن باشقا يەنە «ئەڭ جانلىق ناتىق»، «ئەڭ جەسۇر ناتىق»، «ئەڭ تەمكىن ناتىق» تۈرلىرى بويىچىمۇ مۇكاپاتلانغان.

نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات بويۇمى سۈپىتىدە «تۈكىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە «12 مۇقام تىكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك قىممەتلىك كىتابلار ۋە بالىلارغا خاس ئوقۇشلۇق كىتابلىرى ئەۋەتىلىدىكەن.

بىز ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پەقەت بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

8 ياشلىق تەفىيدە ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى دائىم گېپىنى قىلىدىغان «ۋەتەن» گە بېرىپ باقمىغان ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ چوڭ بولغاندىكى ئارزۇسى دوختۇر بولۇپ «ۋەتەن» دىكى دوستلىرىغا ياردەم بېرىش ئىكەن.

تەفىيدەنىڭ ئاپىسى نۇرئاسىيە خانىم كۆپ ۋاقتىنى قىزى تەفىيدە بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» ۋە باشقا ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىش ۋە «ۋەتەن» ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بالىلاردىكى ئۇيغۇرلۇق ئېڭىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىكەن.

9 ياشلىق بىلال بەك كېچىك يۇرتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، «ۋەتەن» ھەققىدە جىق ئەسلىمىسى يوق ئىكەن. لېكىن نەۋرە ئاكىسى ئۈچ يىل بۇرۇن بىلالنى يوقلاپ كەلگەن بولۇپ، شۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. بىلال مۇسابىقىدە ئاشۇ نەۋرە ئاكىسى ھەققىدە يازغان ماقالىسىنى ناھايىتى راۋان، جانلىق دېكلاماتسىيە قىلغان.

بىلال چوڭ بولغاندا ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشقا بەل باغلاپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ماتېماتىكا ۋە پەن-تېخنىكىغا ئائىت كىتابلارنى بەك جىق ئوقۇيدىكەن.

بىلالنىڭ ئاپىسى تەسنىم خانىم چەت ئەلدە چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارنى ئۇيغۇرلۇقىدىن پەخىرلىنىدىغان قېلىپ تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ ئائىلىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئائىلىدە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى تېز يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

13 ياشلىق نازاكەت يەتتە ياش ۋاقتىدا ئامېرىكاغا كەلگەن. ئۈرۈمچىدە قالغان ئۇستازلىرى ۋە دوستلىرىنى دائىم سېغىنىدىكەن. ئۇ ھەتتا ئۈرۈمچىنىڭ يوللىرىنى سېغىنغانلىقىنى، چۈنكى ئۇ يوللاردا ماڭغاندا ئۆزىنى بەك كۈچلۈك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھاياجانلىنىپ كەتتى.

نازاكەتنىڭ دادىسى مۇتەللىپ ئەپەندى چەت ئەل مۇھىتىدا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۇنتۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى ئېيتتى. شۇڭا بالىلىرىغا ئانا تىل ئۆگىتىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

باھالىغۇچىلار بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ بالىلارغا ئۇيغۇر كىملىكىنى ئەسلىتىشتە، ئۇيغۇر كىملىكىدىن پەخىرلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

ئاخىرىدا مۇيەسسەر خانىم «ئۇيغۇرلۇقىمىزدا بالىلىرىمىزنىڭمۇ ھەققى بار!» دېگەن نىيەت بىلەن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» ئورۇنلاشتۇرغان بۇ مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسىدىن بىر «ئۈمىد» نى كۆرگەنلىكىنى، ئىچىدىكى بىر «كىچىك قىز» بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ «ئۈمىد» ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە كېيىنكى پىلانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت