مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تىۋىتتىر ئۇچۇرىدىن كېيىن نېمىلەر بولدى؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيەلىك مەشھۇر تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل تىۋىتتېرغا چىقارغان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى چاقىرىقى. 2019-يىل 13-دېكابىر.
گېرمانىيەلىك مەشھۇر تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل تىۋىتتېرغا چىقارغان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى چاقىرىقى. 2019-يىل 13-دېكابىر.
Social Media

گېرمانىيە پۇقرالىقىدىكى تۈركلەردىن بولغان دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى، ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى باھالىق توپچىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدىغان مەسۇت ئۆزىل جۈمە كۈنىدىكى يوللانمىسى ئارقىلىق دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقارغان ۋە جۈملىدىن بۇ مەسىلىگە قارىتا خەلقئارالىق دىققەت قوزغىغان ساناقلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

تىۋىتتىر، فېيسبۇك ۋە ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تور بەتلەردە 70 مىليوندىن ئوشۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان مەسۇت ئۆزىلنىڭ جۈمە كۈنىدىكى «ئەي شەرقىي تۈركىستان، ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسى، ئەرزىيەتلەرگە قارشى تىرەجەۋاتقان مۇجاھىد ۋە مۇجاھىدەلەر توپى. ئىسلامدىن مەجبۇرىي ئۇزاقلاشتۇرغۇچىلارغا قارشى يېگانە ھالدا كۈرەش قىلىۋاتقان شانلىق مۆمىنلەر» دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلانغان بۇ يوللانمىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئىنكاس قوزغىدى. ئۇنىڭ بۇ يوللانمىسى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، «ۋال-سترىت ژۇرنىلى»، «NBC خەۋەرلىرى»، ئەڭلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى، «Sky خەۋەرلىرى» قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىندى.

«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» بۇ ھەقتىكى «پۇتبول چولپىنى مەسۇت ئۆزىل خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمى تۈپەيلى ئەيىبلىدى» ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە، لوندوندىكى «ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبى» نىڭ خىتايدا ناھايىتى سۆيۈلىدىغان بىر كۇلۇبلىقىنى ۋە بۇ كۇلۇبنىڭ ناھايىتى قىممەت باھالىق توپچىلىرىنىڭ بىرى بولغان مەسۇت ئۆزىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم مەسىلىسىدە ئەيىبلەپ ئوتتۇرىغا چىققان داڭلىقلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئاددىي بىر مەسىلە بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئىنسانىي قىممەت بىلەن پۇل-بايلىق ئارىسىدا قىلغان ناھايىتى مۇھىم بىر تاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى مەسۇت ئۆزىلگە ئوخشاش چولپاننىڭ بايانىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشتا ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا بىر ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، مەسۇت ئۆزىلنىڭ مەزكۇر تۋىتتىر باياناتى چەتئەللەردىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان جامائىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇ كۈندىن كېيىن گېرمانىيەدىكى تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائىتى ئارىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى باش سۈرىتىنى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا ئۆزگەرتىش ۋە بۇ ھەقتە سۆزلەش قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان بىر قاتار ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى مەلۇم.

مەسۇت ئۆزىلنىڭ تىۋىتتىر يوللانمىسى خىتاينى قاتتىق خاپا قىلغان. 14-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتى دەرھال ئىڭىلىزچە خەۋەر تەييارلاپ مەسۇت ئۆزىلنىڭ «خىتاي پۇتبول مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئويناشقانلىقىنى» بىلدۈردى. ئۇنىڭدا يەنە، مەسۇت ئۆزىلنىڭ «شىنجاڭ» نى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىغانلىقى ئالاھىدە تەنقىدلىنىپ، دۇنيادا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ بىر يەر يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

گەرچە، ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبى مەسۇت ئۆزىلنىڭ يوللانمىسىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاينىڭ ۋېيبو تور بېتىدە خىتاي تىلىدا بىر قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ بايانلار مەسۇت ئۆزىلنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى، كۇلۇبىمىز سىياسىي مەسىلىلەردىن خالىي تۇرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئارسېنال-مانچىستىرشەھەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ خىتاي ئېكرانلىرىدا كۆرسىتىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

ئامېرىكادىكى نۇرغۇن مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا ۋاسكېتبول كۇلۇبى NBA نى جازالىغانلىقىنى، خوللىيۋۇد فىلىم ساھەسىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشتى. ئەڭلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە ئۆزىلنىڭ بۇ تىۋىتتىر سۆزىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ بەرگەن ئىنكاسىنى مۇلاھىزە قىلىپ: «دۇنيا، ھازىر غەربچە دېموكراتىيە بىلەن شەرقنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيە كۆرۈشى ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرى مانا بۇ كۈرەشنىڭ مەيدانى» دەپ مۇلاھىزە قىلىنغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇشۇ خىل ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كۈچىدىن كېلىۋاتقان بۇ قۇدرىتىنى قانداق قوللىنىۋاتقانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس كۈچىنى قوللىنىپ تۇرۇپ پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى دۇنيانىڭ خۇددى مەسۇت ئۆزىلدەك قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ «مەسۇت ئۆزىل ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك توپنى خىتايغا قارشى ئۇردى» دەپ تەرىپلىدى. نۇرىي ئەپەندى يەنە، ھازىرغىچە ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ خىتايدىن كەچۈرۈم سورىمىغانلىقىنى، ئەمما ئىلگىرى NBA نىڭ كۇلۇب نامىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ، بۇنىڭ يېڭى بىر ئۆزگىرىشلىقىنى تەكىتلىدى.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مانا مۇشۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار ماقالىسىدە «ئارسېنال كۇلۇبى پەقەت خىتاينىڭ ۋېيبو تور بېتىدە خىتايچە قىلىپ مەسۇت ئۆزىلنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى، دېدى. ئەمما بۇ خىتايدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتەلمەيدۇ. ئۇلار ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ ئىڭىلىزچە قىلىپ تىۋىتتىر ئارقىلىق خىتاي خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلماقتا» دەپ يازغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 16-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «مەسۇت ئۆزىل قارىماققا ساختا خەۋەرلەر بىلەن كۆزى باغلانغاندەك تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىمۇ بۇ ساختا خەۋەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپتۇ. بىز ئۇنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى كۆرۈپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. . .» دېگەن.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كېنېت روس بولسا 16-دېكابىر بۇ ھەقتىكى تىۋىتتىر ئۇچۇرىدا مەسۇت ئۆزىلنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتايغا ناھايىتى مۇھىم سىگنال بېرىلگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايغا بېرىلگەن سىگنال: بۇ دۇنيا خىتايدىن ئىبارەت ئەمەس. بىز بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىسلام كىملىكىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قامىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، بىز ھەرگىز سېنىڭ بېسىمىڭغا تىز پۈكمەيمىز».

نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ سۆزىدە مەسۇت ئۆزىلنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۆرنەك خاراكتېرلىك بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇنىڭ خىتايغا بېرىدىغان سىگنالى ئىنتايىن كۈچلۈك»، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت