مىرئادىل ھەسەننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇچتۇرپانلىق قىز ھەققىدىكى گۇۋاھلىقىنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-09-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىرئادىل ھەسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2020-يىلى سېنتەبىر.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىرئادىل ھەسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2020-يىلى سېنتەبىر.
Social Media

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى مۇزاكىرىگە قويۇلۇشتىن 3 ھەپتە بۇرۇن، خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇرۇپ خىتايغا قارشى يوتۇب قانىلىدا سۆز قىلغان غايىب مىرئادىل ھەسەن ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇچتۇرپانلىق بىر قىز ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇچتۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئىماملىرىم يېزىسى6 ‏-كەنتتىن خانزۆھرە سەيىدئەخمەت ۋە ئارزۇگۈل سەمەت ئىسىملىك 20 ۋە 23 ياشتىكى ئىككى قىزنىڭ خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەندى

غايىب مىرئادىل ھەسەن خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇرۇپ بەرگەن ئۈچ قىسىملىق باياناتىدا، ئانىسىنىڭ تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشى، ئاقسۇدىكى لاگېرلار ۋە بالىسى لاگېرغا تۇتۇلۇپ كەتكەن بىر بوۋاينىڭ لاگېر ئالدىدىكى چارىسىز ئەھۋالى قاتارلقلاردىن باشقا يەنە ئۇچتۇرپانلىق بىر قىزنىڭ ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى ئۆزى مەسئۇل 6 -كەنتتىن 20 ۋە 23 ياشلاردىكى ئىككى قىزنىڭ ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى دەللىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 20 ۋە 23 ياشلاردىكى بۇ ئىككى قىزنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى خانزۆھرە سەيىدئەخمەت، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئارزۇگۈل سەمەت بولۇپ، ئۇلار بىر مەزگىل لاگېردا يېتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆز ئائىلىسىدە پەقەت بىر كۈنلا تۇرغۇزۇلۇپ، ئەتىسى ئاقسۇدىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا ئېلىپ كېتىلگەن. مىرئادىل ھەسەننىڭ باياناتىدا ئۆزى ئۇچراتقان قىزنىڭ كۈنىگە 12 سائەت ئىشلەيدىغانلىقى، دەم ئېلىش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر كەنت ساقچىسىمۇ خانزۆھرە بىلەن ئارزۇگۈل سەمەتنىڭ پەقەت ھېيت-بايراملاردىلا ئۆيىگە قايتالايدىغانلىقى، باشقا ۋاقىتلاردا كۈنىگە ئاز دېگەندە 10 سائەتتىن ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مىرئادىل ھەسەننىڭ بايانتىدا ئۇچتۇرپانلىق قىزنىڭ ئېيىغا 1400-1500 يۈەنگە ئىشلەيدىغانلىقى، ئەگەر ئىشىدىن بىر كۈن رۇخسەت سوراپ قالسا، كۈنىگە 40-50 يۈەندىن پۇل تۇتۇلىدىغانلىقى، زاۋۇتنىڭ ياتاق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ئەمما تاماق بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. مەزكۇر كەنت ساقچىسى ئارزۇگۈل ۋە خانزۆھرەنىڭ بەلگىلىك مىقداردا مائاش ئالىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى، ئەمما قانچە پۇل ئالىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى، بۇ ئىشلارنى بەك سوراپ-سۈرۈشتە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مىرئادىل بايانتىدا ئۇچتۇرپانلىق قىزنىڭ زاۋۇتقا ئەكىتىلىشتىن بۇرۇن نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن ئىدى. مەزكۇر كەنت ساقچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خانزۆھرە سەيىدئەخمەت تېلېفونىدىن ئاتالمىش «چاتاق» چىققانلىقى، ئارزۇگۈل سەمەت بولسا، قول تېلېفونىنى باشقىلار «خاتا» ھالدا ئىشلىتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان.

مىرئادىل مەزكۇر باياناتىدا ئۇچتۇرپانلىق قىز ئالغان 1500 يۈەن مائاش بىلەن ئاقسۇدا ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، چۈنكى ئاقسۇدا مال باھاسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتايلار ئۈچۈنلا ياشاشقا مۇمكىن جايغا ئايلانغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز ئانا ماكانىدا ياشاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى قالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مىرئادىل ھەسەننىڭ بايانتىدا ئۆزى ئۇچراتقان قىزنىڭ ئىسىم-فامىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇڭا مەزكۇر كەنت ساقچىسىنىڭ بايانلىرىدىن مىرئادىل تىلغا قالغان قىزنىڭ ئېنىق كىملىكى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئۇ پاش قىلغان رېئاللىقنىڭ چىنلىقى ۋە قىلچىمۇ كۆپتۈرۈلمىگەنلىكى دەلىللەندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت