ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىمۇ خىتايلاشتۇرۇشتىن قۇتۇلالمىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-09-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىگە خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ «ئەنسار» ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ دەستۇر ئالاھىدە چېيى قاتارلىق ئۈچ خىل چاي ۋە 300 نەچچە خىل خام دورىسىنى يەرمەنكىگە قويغان. 2011-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىگە خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ «ئەنسار» ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ دەستۇر ئالاھىدە چېيى قاتارلىق ئۈچ خىل چاي ۋە 300 نەچچە خىل خام دورىسىنى يەرمەنكىگە قويغان. 2011-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
uy.ts.cn

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى تارايتىش تەدبىرلىرى ئۇيغۇر تېبابەت ۋە ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك ساھەلىرىگىمۇ بۆسۈپ كىرگەن. يەنى ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ «خىتايلاشتۇرۇش» ۋە «خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىدىن مۇستەسنا قالمىغان. ئىنكاسلارغا قارىغاندا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىق ئۇيغۇر شىپاخانا، تېبابەت دوختۇرخانىلاردا رېتسېپ ۋە دىئاگنوز ئاتالغۇلىرىنى خىتايچە قوللىنىش مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇلماقتا.

نوپۇزلۇق، تەجرىبىلىك، پېشقەدەم ئۇستاز-تېۋىپلاردىن تارتىپ شاگىرتلىرىغىچە، دوختۇرلۇق ياكى دورىگەرلىك ئۇنۋانىنى ئېلىشتا بىردەك خىتايچە سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنىي ئەخلاقى تەربىيىسى بىلەن ئۇيغۇر قەدىمىي تېبابەت كەسپى بىر گەۋدە قىلىنغان مېتودلار بىلەن شاگىرت يېتىشتۈرۈۋاتقان تېبابەت مەكتەپلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئەگەشمە سەلبىي ئاقىۋەتلەر گەۋدىلەنمەكتە. ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىنىڭ ئۆزى بىر كېسەل ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندەك بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

رادىيومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلاردىن ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ دورىخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش قىز، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنى سۆيىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭمۇ ئەجدادلارنىڭ قان تەرى سىڭگەن بۇ بىباھا گۆھەرگە ئىگە چىقىشنى ھەقلىق سانىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇچراۋاتقان خىرىس ۋە تەھدىتلەرنى ئاڭلىتىشنى بۇرچى دەپ تونۇغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بارلىق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلاردا كومپيۇتېردا ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى خىتايچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر قانچە يىللىق دورىگەرلىك خىزمىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ رېتسېپلىرىنى، كېسەللىك دىئاگنوزلىرى كومپيۇتېرغا خىتايچە تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزۈش مەشغۇلاتى جەريانلىرىدا خاتالىقلاردىن خالى بولۇش تەس بولغانلىقتىن، بىمارلارغا دورا تەڭشەش، دىئاگنوز قويۇشتا كاشىلا پەيدا قىلىپ داۋالاشقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ داۋالاش كەسپى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۈچۈن، بولۇپمۇ بىمارلار ئۈچۈن قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان سەۋەنلىكلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خوتەندىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتقان، خوتەندىكى ئۇيغۇر شىپاخانىسىنىڭ كۆپ يىللىق داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە تېۋىپىمۇ، خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ دورا ئىسىملىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىي مەكتەپلىرىگىچە بۆسۈپ كىرىپ، بەلگىلىك يامان تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن سۆزلەپ بەردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەجرىبىلىك ئۇيغۇر تېۋىپلار جاھاننى تاڭ قالدۇرغان تەقدىردىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باھانىلەردىكى كەمسىتىشلىرىدىن، پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن خالى بولالمايدۇ، ھازىر خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتخانا ۋە ۋە ئۇيغۇر تېببىي مەكتەپلىرىنىڭ دەرسخانىلىرىغىچە ئاتالمىش ياردەمگە كەلگەن خىتايلار تەقسىم قىلىنغان. ئۇلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تېبابەتچىلىك كەسپىدىن خەۋىرى يوق بولغاندىن سىرت، مەدەنىيەت سەۋىيىسىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، تىبابەتخانىلارنىڭ خىزمىتىگە كاشىلا ياراتماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت ئوقۇتۇش مىتوتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تېببىي مەكتەپلەردە خىتايچە ياكى غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىرلەر، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت ئەھكاملىرىغا ۋە ئەنئەنىسىگە، داۋالاش ئەخلاقىغا يات بولغان مەسىلىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت