ستانلېي توپس: خىتاي دۇنيا كېلىماتىنى كونترول قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئېنېرگىيە ئېچىش تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتىشى شەرت

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پارىژدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان دۇنيا كىلىماتىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان 196 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، شەنبە كىلىمات كونترول قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىسسىش تېمپېراتۇرىسىنى 2 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا كونترول قىلىش لايىھىسىدە كېلىشكەن ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر ھاۋاغا بۇلغىما ۋە ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىش مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا سانىلىۋاتقان خىتاينىڭ يېڭى لايىھىگە قوشۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزمەكتە. بۇ ھەقتە مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە پەنلىرى پرافېسسورى ستانلېي توپس ئەپەندى «بۇ كېلىشىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە بۇلغىنىش ئەڭ تېز بولۇۋاتقان جايلاردا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇۋاپىق تەدبىر ئېلىشىغا، بەزى تەدبىر ۋە سىياسەتلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە ھەرىكەتلەندۈرۈش كۆچ بولۇشى مۇمكىن» دەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، دۇنيا كىلىماتىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان بۇ دۆلەتلەر، پىكىر بىرلىكى بويىچە يەنە بىر دۇنيا كىلىمات يىغىنىغىچە يەنى2020-يىلغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىسسىش تېمپېراتۇرىسىنى 2 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا كونترول قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

كېلىشىم بويىچە تەرەققىي قىلغان ئەللەر، خىتاي، ھىندىستانغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ھاۋانى بۇلغاش ئېغىر بولۇۋاتقان ئەللەرنىڭ كۆمۈر ۋە گازنى يېقىلغۇ قىلىپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشنىڭ ئورنىغا يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش تېخنىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن 100مىليارد ياردەم سوممىسى ئاجرىتىدۇ. خىتايمۇ دۇنيا كىلىمات يىغىندا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ، بولۇپمۇ كۆمۈردىن پايدىلىنىپ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى ئېلىش جەھەتتە ئۆزىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيىلەرگە كۆچۈشىدە مۇۋاپىق تەدبىر ئېلىش بوشلۇقى بارلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شې جىنخۇا خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش رامكىسىدا، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كەلگۈسىدە بۇ ۋەدىلىرىگە ئاكتىپ ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ماددىي ئەشيا بىلەن داۋاملىق قوللايدۇ، تەربىيىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئادەم كۈچى بايلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر فوندىنى قۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەھنىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەن كاربونلۇق ئۆلكە، شەھەرلەر، باغچە رايونى، مەھەللىلەرنىڭ سىناق خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇ پولات تۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قەغەز ياساش ۋە رەڭلىك مېتال قاتارلىق نۇقتىلىق سانائەت كەسىپلىرىنى قاپلايدۇ.»

مۇتەخەسسىسلەر ھاۋاغا بۇلغىما ۋە ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىش مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا سانىلىۋاتقان خىتاينىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇۋاپىق تەدبىر ئالماستىن تۇرۇپ، يەر شارىنىڭ كىلىمات كرىزىسى ھەل بولمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش ۋە يېشىل ئېنېرگىيىنى ئاساس قىلىشىنىڭ دۇنيا كىلىماتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسەتمەكتە.

خىتاينىڭ كىلىماتى ھاۋا بۇلغىنىشى ھەققىدىمۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە پەنلىرى پرافېسسورى ستانلېي توپس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ كىلىمات يىغىنىدىكى ۋەدىسىگە رىئايە قىلىشىنىڭ كىلىمات كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «پارىژدىكى كېلىشىمنىڭ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇھىم، چۈنكى خىتاينىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر ھالدا مەۋجۇت، خىتاي بۇ جەھەتتە بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي ئىلگىرىلەش كۆرۈنەرلىك ئەمەس. بولۇپمۇ، خىتاي ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشتا كۆمۈر ۋە نېفىت گازىنى ئاساسلىق يېقىلغۇ قىلىدۇ. ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ قويۇپ بېرىدىغان ئىسسىقلىقى كىشىنى ئەندىشىگە سالغۇدەك دەرىجىدە. ھەتتا ئېلېكترمۇ كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدۇ، خىتايدەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان زور نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ قەدەممۇ ‏-قەدەم يېشىل ئېنېرگىيەگە كۆچۈشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئەمما يالغۇز ھالدىكى گازنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنىغا ئېلېكترلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدۇ، خىتايدىكى ئېنېرگىيە مەسىلىسى ھەتتا توكنىمۇ كۆمۈر كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتايدا ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇنچە ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن. بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇزۇن بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقى ئېنىق. كېلىشىمگە ئاساسەن ھازىر ئەمدى خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ياردىمىگە ئېرىشىدۇ، ئەگەر تەدبىر ۋە مەبلەغ توغرا ئىشلىتىلگەندە خىتاينىڭ ۋە دۇنيانىڭ كېلىماتىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بولىدۇ دەپ قارايمەن.»

ستەنلي ئەپەندى يەنە: گەرچە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرگە قارىغاندا ياخشى بولسىمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى يېقىنقى يىللاردا ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر كانلىرىنىڭ ۋە ئۇرانيۇم كانلىرىنىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش، غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» دېگەندەك ئىستراتېگىيىسى بويىچە خىتاينى تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ رايونلاردا بۇلغىنىشنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىمۇ ئەندىشىلىنەرلىك مەسىلىنىڭ بىرى، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئېلېكتر ئىستانسىلىرىدىن رادىئوئاكتىپ ماددا تارقىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلە دەپ كۆرسەتتى.

ئىلگىرى«جەنۇبىي خىتاي سەھەر» گېزىتىدە چىققان بىر خەۋەردە، خىتاي گېئولوگ شىمالىي خىتاي ئېلېكتىرىك ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى يىن ليەنچىڭ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرە، كۆمۈر يېقىلغۇ ئىشلىتىدىغان ئېلېكتر ئىستانسىلىرىغا يېقىن ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ رادىئاسيون سەۋىيىسى، بىر يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىسى يېنىدا بولغان رادىئاسيون سەۋىيىسىدىن يۈزلەرچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن، پىچاننىڭ يەمشى كەنتىدە ئېچىلغان كۆمۈركاندىن چىققان نامەلۇم گازنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى بۇلغىغاندىن سىرت، ئاھالىلەرنىڭ ساقلىقىغا، زىرائەتلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

ستەنلي ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ دۇنيا كىلىمات كېلىشىمىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش ئاساسلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەۋاتقان جايلاردىكى كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز، نېفىت بايلىقىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش تەدبىرلىرىگە بەزى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، چۈنكى خىتاي لايىھىدىكى ئەھدىسى بويىچە ئېنېرگىيەگە ئېرىشىشتا، يېقىلغۇنىڭ ئورنىغا شامال، سۇ، قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ئوخشاش تەبىئىي ۋە يېشىل مەنبەلەرگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ جايلاردا يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ شامال ۋە قۇياشتىن پايدىلىنىدىغان ئېنېرگىيە تەمىنلەش مېخانىزمى مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سۇدىن پايدىلىنىشى چەكلىمىلىككە ئىگە. ھەددىدىن ئارتۇق ئېچىش، ئىشلىتىش ۋە بۇلغىنىش سەۋەبىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى پاكىز سۇ تېز خورىماقتا. خىتاينىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىدە مەسئۇلىيىتى ئارتتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلىرى دۇنيانىڭ يەنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىشى ئاستىدا بولىدۇ، بۇ خىل دىققەت ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش جايلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان بەزى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسەتلىرىگە، ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ بولۇشى مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت