ئۇيغۇر مەھبۇس ئەخمەت بوزئوغلان بىلەن سۆھبەت (2)
نۆۋەتتە ھىندونېزىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇس ئەخمەت بوزئوغلان مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتىدە ئۆزلىرىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى رادىكال گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى كەسكىن رەت قىلدى. ئۆزلىرى خەير-ساخاۋەتچى دەپ بىلگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە ياردەم قىلىشىنى كۈتكەن كىشىلەرنىڭ جىنايەت گۇماندارى بولۇپ چىقىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان ئەخمەت بوزئوغلان ئۆزلىرىنىڭ سوراق جەريانىدا ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، سوراقتا تەرجىماننىڭ لاياقەتسىزلىكى سەۋەبىدىن ئۆزلىرى چۈشەنمىگەن قەغەزلەرگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. تۆۋەندە بۇ تەپسىلاتلارنى ئەخمەت بوزئوغلاننىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر:
سوئال: نېمە ئۈچۈن تۈركىيەگە مالايسىيا ئارقىلىق كەلمەي، ھىندونېزىيە ئارقىلىق كېلىشنى تاللىدىڭلار؟
جاۋاپ: مالايسىيادا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتۇق، بىر نەچچە ئاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن چىقىم جىق بولۇپ كەتتى، شۇڭا باشقا يول ئىزدەپ، ھىندونېزىەيگە باردۇق.
سوئال: مالايسىايدىن باشقىلار كەلدى، سىلەر بىرەر توسالغۇغا ئۇچرىغان ئەھۋال بارمۇ؟
جاۋاپ: ھەممىگە ئايان، 2014-يىللىرى مالايسىيادا بىر نەچچە يۈز ئەمەس، نەچچە مىڭلاپ ئادەم (ئۇيغۇر) تۈركىيەگە بارىمىز دەپ ساقلاپ تۇراۋاتقان ئىدى، ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىمىز بەك ئۇزىراپ كەتتى، يېنىدىمىزدىكى پۇلىمىزمۇ تۈگەپ قالغىلى تۇردى. شۇڭا تېزراق ماڭدىغان يولنى قىلايلى دەپ ھىندونېزىيەگە بارغانتۇق. ئۇ يەردە بىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ياكى ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىش مەقسىتىمىز يوق.
سوئال: دېمەك، ئەرزانراق بىر يولنى ئىزدەپ ھىندونېزىيەگە باردىڭلارمۇ؟
جاۋاپ: ھەئە، شۇنداق.
سوئال: سوتتا سىلەرنىڭ ھىندونېزىيەدىكى رادىكال گۇرۇپپلار بىلەن تەشكىلىي ئالاقەڭلار بولغانلىقى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىڭلار ئۈچۈن كېسىلگەنلىكىڭلار ھەققىدە گەپلەر بار، راستىنلا سوتتا مۇشۇنداق ئەيىبلىمە بولدىمۇ؟
جاۋاپ: بىز ھىندونېزىيەگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىمۇ ئۇزۇن تۇرۇپ قالدۇق، بۇ جەرياندا بىزنى تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويىدۇ دەپ ئۈمىد كۈتكەن بۇ ئادەملەردىن مەسىلە چىقىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، بىزمۇ تۇتۇلدۇق. بىز پاسپورتىمىز سەۋەبلىك تۇتۇلدۇق. ئەمما سوتتا بىزنى ئۇلارغا چېتىشلىق «تېرورچىلار» دەپ كېسىۋەتتى.
سوئال: سىلەر ئالاقىلاشقان شۇ كىشىلەرنىڭ رادىكال تەشكىلات ئەزالىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بولغانمۇ؟
جاۋاپ: ھېچقانداق خەۋىرىمىز يوق، چۈنكى بىز مەيلى ئىنگىلىزچىدە بولسۇن، مەيلى ھىندونېزىيەچىدە بولسۇن، تىل سەۋىيەمىز بەك ئاجىز. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ كىملىكىنى، ياخشى ياكى يامان ئادەملىكىنى بىلمىدۇق، پەقەت تەۋەككۈل قىلىپ، تۈركىيەگە بېرىۋېلىشىمىزغا ياردەم قىلارمۇ دېگەن ئۈمىد بىلەنلا ئۇلار كەل دېگەن يەرگە كەلدۇق، تۇر دېگەن يېرىدە تۇردۇق. بىزنىڭ يېنىمىزدىن تېرورلۇق ئەسۋابلىرى ياكى ھەرقانداق بىر ئىسپاتى چىققىنى يوق، بىرەرسىنى زەخمىلەندۈرگەن ئەھۋال تېخىمۇ يوق، شۇلار بىلەن چېتىشلىق دەپلا كېسىۋەتتى.
سوئال: سوراق جەريانىدا شۇ رادىكال گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقەڭلار بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىمزا قويغان ئەھۋالىڭلار بارمۇ؟ بىلىپ ياكى بىلمەي؟
جاۋاپ: سوراق جەريانىدا، ھەتتا سوت ئاخىرلاشقىچە ئۇ تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىمىز يوقلۇقىدا چىڭ تۇردۇق؛ لېكىن سوراقچىلار بىزنى ئېغىر قىينىدى، ئۇردى، ئېسىپ قويدى، ئۇياتلىق يەرلىرىمىزنى قىستى، ئىتقا تالىتىشقا ئىنتىلدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سوتقا كەلگەن تەرجىمان لاياقەتلىك ئەمەس، ھوندونېزىيە ھۆكۈمىتى تاپقان تۈرك تەرجىمان بىزنىڭ گېپىمىزنى چۈشۈنۈپ كېتەلمىدى، سوتتا ئەھۋالنىمۇ تولۇق تەرجىمە قىلىپ بەرمىدى، سوتچىنىڭ گېپى ئۇزۇن، تەرجىماننىڭ بەك قىسقا، بىز بىرمۇنچە قەغەزلەرگە چۈشەنمەي تۇرۇپ قول قويىۋەتتۇق.
سوئال: ئۇنداقتا، قېيىن-قىستاقتىن مەجبۇرەن قول قويدۇق دېمەكچىمۇ ياكى چۈشەنمەسلىكتىن دېمەكچىمۇ؟
جاۋاپ: ھەر ئىككىسى بار، قېيىن-قىستاققا چىدىمىغاندا قول قويغىنىمىزمۇ بار، سوتتا چۈشەنمەي تۇرۇپ قول قويىۋەتكىنىمىزمۇ بار.
سوئال: سىلەرنى مۇشۇ رادىكال گۇرۇپپلارغا تونۇشتۇرغان كىشىلەر، يەنى ئوتتۇرىدىكى كىشىلەر بۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلەمدىغاندۇ؟
جاۋاپ: ئۇنى بىز بىلمەيمىز. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كېسىلدى، بەزىلىرى قويۇۋېتىلدى.
سوئال: بۇلار ھىندونېزىيەلىكلەر ئوخشىمامدۇ؟
جاۋاپ: شۇنداق. . . . خاپا بولمايسىز، ۋاقتىم توشۇپ قالدى. . . . .
سوئال: بولىدۇ، يەنە بىر قېتىمدا سۆزلىشەيلى، ئەگەر مۇمكىنچىلىك بولۇپ قالسا. . . .
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئۇيغۇر مەھبۇس ئەخمەت بوزئوغلاننىڭ مالايسىيادىن ھىندونېزىيەگە ئۆتۈش، تۇتۇلۇش ۋە سوراق جەريانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.