دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ئەنگلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ب ب س 24-نويابىر كۈنى «2020-يىلى دۇنيادا تەسىر پەيدا قىلغان 100 ئىلھامبەخش ئايال» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىكتە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىمۇ بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى چەتئەللەردە ساقلاپ قېلىش ۋە ئانا تىل مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان، «ئايخان» فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى، يازغۇچى، ئۇيغۇر قىزى مۇيەسسەر ئابلەھەت خەندان ئىدى.
ئۇ بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ تەسىر قوزغىغان 100 ئايال تىزىملىكىگە كىرگەنلىك خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن بۇنىڭدىن ھەم ھەيران بولغانلىقىنى ھەم ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن خوش بولغان، ئۆزىنى تەبرىكلىگەن چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
ب ب س 'نىڭ ئۇشبۇ «تەسىر قوزغىغان 100 ئايال» نىڭ تاللىنىش جەريانىغا بەرگەن ئىزاھاتىدىن قارىغاندا، بۇ 100 ئايال ب ب س' نىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇشلۇق شۆبىلىرى تەۋسىيە قىلغان ئىسىملار ئىچىدىن تاللىنىدىكەن. بۇ يىللىق تىزىملىكنىڭ باش تېمىسى «ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلغان ئاياللار» بولغان بولۇپ، ئۇلار مانا بۇ باش تېمىغا ئاساسەن ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە ئۆزگىرىش ياراتقان، نەتىجە قازانغان ۋە شۇ يولدا ھەرىكەت قىلغان ئاياللارنى تاللىغان. ئۇلار بۇ 100 ئايالنى «2020-يىلىدىن ئىبارەت رىقابەت ۋە داۋالغۇشقا تولغان بىر يىل ئىچىدە تەۋرەنمەي تۇرۇپ، ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن.
ب ب س مۇخبىرلىرى مۇيەسسەر بىلەن «ئايخان مائارىپ فوندى» نىڭ فەيىسبۇكتىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئالاقە قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ فوندى جەمئىيەت ھەققىدە مۇيەسسەردىن مەلۇمات سورىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر تاللاشقا كىرىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋىرىمۇ يوق ئىدى. مۇيەسسەر «ئۇ چاغدا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئسمى پەقەت دەرد-ئەلەم بىلەن تونۇلماي، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك خەۋەرلەر بىلەنمۇ تونۇلسۇن دەپ فوندى جەمئىيەت ھەققىدە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدىم» دەيدۇ.
مۇيەسسەر ئابلەھەت «ئايخان مائارىپى فوندى» نى 2015-يىلى ئۈندىدار توپى ئارقىلىق قۇرغان. ئۇ بۇ ئارقىلىق بۇ توپتا ئۆزىگە ئوخشاش خالىسانە دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق كىرىمىدىن 10 پىرسەنتنى فوندىغا ئايرىپ، بۇ پۇل ئارقىلىق 2016-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 6 قىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا ياردەم قىلغان.
بىراق، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بىلەن «ئايخان مائارىپى فوندى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالمىغان ۋە نەتىجىدە مۇيەسسەر بۇ فوندنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەتئەللەرگە قارىتىشنى قارار قىلغان ۋە نەتىجىدە چەتئەللەردە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە ئانا تىل دەرسلىك ماتېرىياللىرى تۈزۈش، نەشر قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاراتقان ۋە پۈتۈنلەي ھەقسز خىزمەت قىلغان.
«BBC» تورى مۇيەسسەر ئابلەھەت خەندان ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«قەلەم ئىسمى خەندان بىلەن بىلەن تونۇلىدىغان مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەت مېدىتسىنا ئوقۇغان. ئۇ شائىر ۋە يازغۇچى سۈپىتىدە نام چىقىرىشقا باشلىغان. ئۇ ئاممىۋى ساغلاملىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يېزىقچىلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى قارار قىلغان. خەندان 2013-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، دىئاسپورادا ئۇيغۇر تىلىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئوقۇتۇشقا بېغىشلانغان ‹ئايخان مائارىپى› فوندىنى قۇرغان. خەندان يېقىندا ئېلان قىلغان ئەسىرى ئارقىلىق ۋەتىنىدىكى كرىزىسقا تاقابىل تۇردى. ئۇنىڭ تۇنجى رومانى›خەير-خوش قۇياش‹ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مەركەزلەشكەن تۇنجى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».
مۇيەسسەر: «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىرىمىنى ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش يولىدا سەرپ قىلىشى ب ب س دىكى باھالىغۇچى ھەيئەتنى تەسىرلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى سېستىمىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ يولدا ئۆزىگە خالىسانە ياردەم قىلىۋاتقانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
مۇيەسسەر ئابلەھەت بۇ تىزىملىكتە فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن، يېڭى «ئاۋاتار» ۋە «مارۋېل» فىلىمىنىڭ چولپىنى مىچېل يېخ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى تەتقىقاتىغا مەسئۇل سارا گىلبېرت ۋە كىلىمات پائالىيەتچىسى ۋە ئاكتور جەين فوندا قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. ئىستانبۇلدا مۇيەسسەرنىڭ نەشر خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» دىن ئابدۇللا قاراقاش ئەپەندى بىزگە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇيەسسەرنىڭ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن خالىسانە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ «2020-يىلى تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئايال» تىزىملىكى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، بۇنىڭ يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۈمىد بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۈگۈن يەنە، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ مۇيەسسەرنى تەبرىكلىدى. باياناتتا «مۇيەسسەرنىڭ خىزمەتلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۈچىنى ئەسلەتتى» دېيىلدى.