NBA ئۇيغۇر مەسىلىسىدە داۋاملىق سۈكۈت قىلماقتىكەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-08-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاقساراينىڭ ئوۋال ئىشخانىسىدا قانۇنىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبېرن خانىمغا قەلەم سۇنغان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 25-نويابىر، ۋاشىنگتون.
پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاقساراينىڭ ئوۋال ئىشخانىسىدا قانۇنىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبېرن خانىمغا قەلەم سۇنغان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 25-نويابىر، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا «ESPN» تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كوماندىسى NBA نىڭ خىتايدىكى مەشىق بازىلىرىدا تىرىنېرلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى خورلىغانلىقىغا ئائىت يېقىندا ئىشلىگەن تەپسىلىي خەۋىرى ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبۇل كوماندىسى 2016-يىلى خىتاينىڭ شەندوڭ، جېجىياڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە مەشىق بازىسى ئاچقان. مەلۇم بولۇشىچە، NBA خىتاي بازىرىنى ئىچىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، ياۋ مىڭغا ئوخشاش خىتاي ۋاسكىتبولچىلارنىڭ بۇ كوماندىدا توپ ئوينىشى خىتاي بازىرىنى ئاچىدۇ دەپ، پىلان قىلغان.

ھالبۇكى، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ۋەقەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بولغان نازارەت ۋە كونتروللۇقىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەن. NBA نىڭ «شىنجاڭ مەشىق بازىسى» دا ترىنېرلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكالىق ۋاسكېتبول مۇتەخەسسىسلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن مارشا بلەكبېرن قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ئىزچىل ھالدا NBA نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق بازىلىرىنى تاقاش ھەققىدە ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. نەتىجىدە 2018-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى NBA ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق بازىلىرىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىغان.

NBA نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق بازىلىرىنى قايتا ئېچىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان ۋاقىتتا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبېرن ۋە ماركو رۇبىيولار ئامېرىكا ۋاسكېتبول ئۇيۇشمىسى NBA غا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق بازىلىرى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، مەكتۇپ يوللىغان. NBA نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مارك تاتۇم 21-ئىيۇل كۈنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بلەكبېرىنغا جاۋاب خېتى يازغان بولۇپ، مەكتۇپتا: «NBA شىنجاڭدىكى ۋاسكېتبول ئاكادېمىيەسى بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە خاتىمە بېرىلدى،» دېگەن.

ئامېرىكانىڭ «ESPN» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ خىتايدىكى مەشىق بازىلىرىدا تىرىنېرلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى خورلىغانلىقىغا ئائىت تەپسىلىي خەۋەرنىڭ مۇخبىرى سېتىۋ فايىنارۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «NBA نىڭ ئېيتىشىچە، مەشىق بازىسىدىكى 70 پىرسەنت ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر باشقا يەرلىك مىللەتلەردىن ئىكەن. NBA دىكى توپ ئوينىغۇچىلارمۇ مەشىق بازىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە تىرىنېرلارنىڭمۇ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكالىق تىرىنېرلار دائىم خىتاي تىرىنېرلانىڭ بەزى ئوقۇغۇچلارنى ئېغىر تەن جازاسى بېرىش ئارقىلىق خورلايدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.»

ئىلگىرى خىتاينىڭ شىئەندىكى تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان، ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق «شەرقى تۈركىستان پۇتبول كوماندىسى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىلشات ئىسلام خىتاي تىرىنېرلارنىڭ مەشىق قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي تىرىنېرلار ئۈچۈن بالىلارنى ئۇرۇش ئادەتكە ئايلانغان. مەنمۇ خىتايدىكى چوڭ كوماندىلارغا مىللىتىمنى يوشۇرۇپ كىرگەنمەن. لېكىن كىرگەندىن كېيىن يەنىلا سەۋەبسىز قايتۇرۇلدۇم.»

سېتىۋ فايىنارۇ NBA نىڭ خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى مەشىق بازىلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا خاس بولغان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ كۈچلۈك نازارەت قىلىش ئەۋج ئالغان شىنجاڭدا، ئامېرىكالىق تىرىنېرلارمۇ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كۈچلۈك نازارەتتە ئاستىدا ياشىغان.»

بىز NBA نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شىتابىدىن تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خادىم NBA نىڭ «شىنجاڭ مەشىق بازىسى» دىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئالىمىز بارلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا تېلېفوننى ئاپتوماتىك سىستېمىغا ئۇلاپ قويۇپ، سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.

سېتىۋ فايىنارۇنىڭ ئېيىشىچە، «شىنجاڭ» دا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە NBA نىڭ پوزىتسىيەسىنى بىر قانچە قېتىم سورىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم ئۇلارنىڭ ‹شىنجاڭ› دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىپادىسىنى سورىدۇق. ئۇلار دائىم جىم تۇرۇۋېلىپ، جاۋاب بەرمىدى. ئۇلار ‹خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئىپادە بىدۈرۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس› دەيدۇ. ئامېرىكادىكى ‹قار تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ ھايات› ھەرىكىتىدە ئۇلار خىلى كۈچلۈك ئاۋاز چىقارغان. مېنىڭچە، بىز بىر دۇنيادا ياشايمىز. بۇ پەقەت ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ ئىپادىسى.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز يېقىندا ئۇلارغا ‹شىنجاڭ› دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئاۋاز چىقىرىشى ئۈچۈن يەنە بىرقىتىم پۇرسەت بەردۇق. NBA نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مارك تاتۇمنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ قىسقىلا ‹مېنىڭ دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىمنىڭ ھاجىتى يوق› دەپ جاۋاب بەردى.»

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سېناتور مارشا بلاكبېرىن 7-ئاۋغۇست «ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» دە ئوبزور ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى-NBA ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇملارغا كۆز يۇمۇپ، ئەخلاقىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولدى،» دەپ ئەيىبلىدى.

بىز كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بىلەكبېرىننىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىششقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەۋەتكەن ئېلىخەتلىرىمىز ۋە ئۇرغان تېلېفۇنلىرىمىز جاۋابسىز قالدى، ئەمما مارشا بىلەكبېرىن خانىمنىڭ تىۋېتتېر ۋە ئىنستېگرام ھىسابلىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، مارشا بىلەكبېرىن خانىم ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ كەلمەكتە. ئامېرىكادىكى ھەر ساھەنىڭ، جۈملىدىن تىجارەت شىركەتلىرى بولسۇن، مەيلى تەنتەربىيە ياكى كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى، ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدەك قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازاغا تارتىشتا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

سېتىېۋ فايىنارۇنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، 70 پىرسەنت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «مەشىق بازىسى» تاقالغاندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوقكەن.

لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا قارىغاندا، چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقىسى بولغان ھەر قانداق كىشى تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئۇنداقتا، NBA ئەۋەتكەن ئامېرىكالىق تىرىنېرلارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىش ئېلىپ بارىمىز.

تولۇق بەت