نيۇ-يوركتىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بىناسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «نۇر تېكىست» بىلەن كۆمۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئۇيقۇسىز شەھەر» دەپ ئاتىلىدىغان نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى ھەققىدىكى تەسۋىرلەر ھەمىشە بۇ رىۋايەتلىك شەھەرنىڭ چاقناپ تۇرغان چىراغلار بىلەن تولغان ئاسمىنىغا چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ.

17-سېنتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن نيۇ-يورك شەھىرىدىكى يۇلتۇزلار كەبى چىراغلار توپىغا بىر ئالاھىدە نۇر قوشۇلدى. بۇ نۇر شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىدىن ماكان تۇتقان خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندىن توپ-توغرا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خىزمەت بىناسى تېمىغا چۈشمەكتە ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ بىنا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىغا يېقىنلا جايدا بولغانلىقتىن يۇقىرى قۇۋۋەتلىك پرويېكسىيە ئاپپاراتىدىن چۈشۈۋاتقان «خىتاي، لاگېرنى توختات!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك مەزمۇندىكى تېكىستلەر، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە زور تۇتقۇنغا مۇناسىۋەتلىك فوتو سۈرەتلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن كونسۇلخانا تېمىغا كىنو لېنتىسىدەك چۈشۈرۈلۈپ، ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايتتى.

بۇ «نۇرلۇق تېكىستلەر» ئەمەلىيەتتە نيۇ-يورك شەھىرىدىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى قۇرۇپ چىققان «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كامالتۈرۈك يالقۇن پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن كوربىي جونسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار نيۇ-يورك شەھىرىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر پەيتنى تاللىۋالغان.

ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «پائالىيەت بىز ئويلىغاندىنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولدى، دەپ قارايمەن. نېمىشقا مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى تەشكىللەش ئويىغا كېلىپ قالغانلىقىمىزنى سورىسىڭىز، بىز ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن پەيتىنى تاللىدۇق. بۇ يىغىن مەزگىلىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يىغىن ئۈچۈن نيۇ-يورك شەھىرىگە كېلىدۇ. شۇڭا بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماددىي ئىسپاتلارنى پرويېكسىيە ئاپپاراتى ئارقىلىق خىتاي كونسۇلىنىڭ بىناسىغا چۈشۈردۇق. كونسۇلخانا بىناسى بىز ئۈچۈن بىر زور ئېكران بولدى. بىز بۇ ماتېرىياللار ئارقىلىق خىتاينىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ قويۇشنى ئويلىدۇق. قىسقىسى، بىز بۇ پائالىيەتنى ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە يېقىندا ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى› نىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى شۇنىڭدەك يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن پائالىيەتلىرىمىزنىڭ داۋامى دېگەنلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتتۇق.»

كوربىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغانلىقى ۋە تولۇق تەييارلىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن پائالىيەت جەريانىدا ھېچقانداق ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىمىغان. بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تېكىستنىمۇ نۇر ئارقىلىق كونسۇلخانا تېمىغا چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ زور دەرىجىدىكى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشنى ئويلاشتۇق. شۇڭا بىز پائالىيەتتە كۆپلىگەن ئىنگلىزچە شوئارلارنى ۋە بىر خىتايچە شوئارنى تەييارلىدۇق. شۇ قاتاردا بىز ئۇيغۇرچە بىر كۇپلېت شېئىرنى تەييارلىدۇق. مەن بۇنىڭغا ئابدۇرېھىم ھېيت ئورۇنلىغان ئۇيغۇرچە شېئىردىن بىر بۆلۈكنى ئالدىم. چۈنكى بۇ كىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئاشۇ لاگېرلارنىڭ بىرىگە قامالغان ھەمدە بۇ يىل فېۋرالدا ئۇنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر تارقالغان ئىدى. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس قىسقا بىر ۋىدىيو ئىشلەپ چىقتى. بۇنىڭدا ئابدۇرېھىم ھېيت ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ‹مەنمۇ ئۇيغۇر› ھەرىكىتىنى قوزغاپ ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلاردىكى تۇغقانلىرىنىڭمۇ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا مەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلى بىلەن باغلاشنى مۇۋاپىق تاپتىم. بۇنىڭدا كىشىلەرگە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە شېئىرىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭقۇر يىلتىزغا، ئۇزۇن تارىخقا ۋە ئۆزىگە خاس گۈزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى يوقىلىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ئاشۇ مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قول تىقىشى بىلەن يوقىلىشقا يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئەسلەتكىلى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ.»

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى تېببىي تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور مەمەت ئىمىنمۇ شۇ قاتاردا ئىدى. ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «تامغا نۇر چۈشۈرۈش» تەك ئالاھىدە ئۇسۇلنى قوللىنىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دوكتور مەمەت ئىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە لاگېرلار مەسىلىسى مەركىزىي تېما قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى بىلەنلا ھەل بولمايدىكەن. ئۇنىڭچە، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشى ئەڭ مۇھىم ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» تەشكىلاتى يېقىندىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى بىرنەچچە قېتىم ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلەرنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە تەشكىللىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بولماقتا ئىكەن.

تولۇق بەت