نيۇ-يوركتىكى ئالما تېلېفون شىركىتى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-10-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى تەشكىللىگەن نيو-يوركتىكى ئالما تېلېفون شىركىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشى. 2019-يىلى 17-ئۆكتەبىر. نيۇ-يورك، ئامېرىكا.
تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى تەشكىللىگەن نيو-يوركتىكى ئالما تېلېفون شىركىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشى. 2019-يىلى 17-ئۆكتەبىر. نيۇ-يورك، ئامېرىكا.
Social Media

17-ئۆكتەبىر كۈنى نيۇ-يورك مانخاتون كوچىسىدىكى ئالما تېلېفون شىركىتى ئالدىدا، بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ نامايىش دەل 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ داڭلىق پەن-تېخنىكا گۇرۇھى - ئالما شىركىتى گۇرۇھىنىڭ باشلىقى تىموسى دانولد كوك (Timothy Donald Cook ) بېيجىڭدا خىتاي بازار ئىگىلىك باش نازارىتىنىڭ باشلىقى شاۋ ياچىڭ بىلەن كۆرۈشكەن كۈنى ئېلىپ بېرىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلىرىدە ئالما گۇرۇھىنىڭ باشلىقى تىموسى دونالد كوكنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، ئالما شىركىتىنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ تېلېفونى ۋە كومپيۇتېرلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى، ۋە جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى بازار ۋە خېرىدارى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا كېلىشىمىدە بىرلىككە كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

فەيسبوك، تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا نامايىش مەيدانىدىن يوللانغان سىن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار ئالما شىركىتىگە قويغان تەلەپلىرىدە، ئالما شىركىتىنى خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرغان. ئۇلار ئالما شىركىتىنى خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ۋە ئالما شىركىتىنىڭ تېلېفونى، كومپيۇتېرى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەر ۋە تېلېفون ئاگېنتلىقلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى قاتارلىقلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان. 

نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن نيۇ-يورك كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ئەھۋالى ۋە نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنى نيۇ-يوركتىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى تەشكىللىگەن. نامايىش شۇ يەر ۋاقتى 17-ئۆكتەبىر چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نارازىلىق نامايىشىغا نيۇ-يوركتىكى تىبەت، ئۇيغۇر، خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرىدىن تەشكىل تاپقان 20 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

مەمەت ئىمىن ئەپەندى بايانىدا، نامايىشنىڭ نيۇ-يوكتىكى ئادەم نىسبەتەن كۆپ بولغان پويىز بېكىتى ۋە شەخسىي شىركەت بولغان ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ شەخسىي تېررىتورىيەلەردە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەققىدىكى قانۇن بەلگىلىمىلىرىدىكى ئادەم سانى ۋە ۋاقىت چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش ئاساسىدا تەشكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما نامايىشنىڭ 1 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئەسلى پىلاندىكىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى يەنى 2019-يىل 10-ئاينىڭ بېشىدا ئالما شىركىتى خوڭكوڭدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشچىلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت قىسىنچىلىقىدا قالغان. 

مەلۇم بولۇشىچە خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىش جەريانىدا خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار ئايفونغا قاچىلانغان ئورۇن بەلگىلەش يۇمتاللىرىدىن پايدىلىنىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ساقچىلار توپىنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۆز-ئار ئۇچۇر يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلغان. خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئالما شىركىتى ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ بازارغا سېلىنغان ئايفونلاردىكى ئورۇن بەلگىلەش يۇمتالىنى چىقىرىۋەتكەنلىكى ھەققىدە 10-ئاينىڭ بېشىدا خەۋەرلەر تارقالغانىدى.

مەمەت ئىمىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىش جەريانىدا خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار ئۆزلىرى ياساپ چىققان Quartiz يۇمتالى ۋە ئايفوندىكى ئورۇن بەلگىلەش يۇمتاللىرىدىن پايدىلىنىپ نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ساقچىلار توپىنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۆز-ئار ئۇچۇر يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىدە بولغان. بۇ ئەھۋال خىتاينى نارازى قىلغاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ ئايفوندىكى ئورۇن بەلگىلەش يۇمتالىنى چىقىرىۋېتىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئابونېنتلىرى ئايفون ئىشلەتكەندە ئۈزلۈكسىز ھالدا ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇندىن باشقا چەتئەللەردىكى ئايفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭمۇ، ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلىنىش ئەھۋاللىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان ئەھۋاللار يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن.

بۇ يىل 9-ئاي مەزگىلىدە گوگۇل شىركىتى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئايفوننىڭ يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى ئىزچىل خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئايفون قوللانغۇچى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گوگۇل شىركىتى باياناتىدا بۇ ئىجتىمائىي توپنىڭ كىمنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى-CNN قاتارلىق تاراتقۇلار بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خەۋەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، يۈز مىڭلىغان كىشىنى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلىنىشى خەلقئارادا ئالاھىدە دىققەت قوزغىغانىدى.

ئالما شىركىتىمۇ 2019-يىل 6-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئايفونغا قارىتا بۇ يىل 2‏-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان تور ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئامېرىكادىكى ماسساچۇسىتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە چىقىدىغان «تېخنىلوگىيەگە نەزەر» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى 6‏-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، گوگۇلنىڭ خەۋىرىدە بەزى تەپسىلاتلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. باياناتتا، ئايفون ھۇجۇمىنىڭ گوگۇل ئېيتقاندەك كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ئەمەس، تار دائىرىلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكى، ھۇجۇمنىڭ ئون نەچچە ئۇيغۇر تور بېتىگە ئەمەس، بىر قانچە ئۇيغۇر تور بېتىگە تەسىر قىلغانلىقى، شۇنداقلا ھۇجۇمنىڭ ئىككى يىل ئەمەس، 2 ئاي داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. «تېخنىلوگىيەگە نەزەر» زھۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گوگۇلنىڭ باياناتچىسى ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىرىقى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئايفون ھۇجۇمىغا ئالاقىدار: «مەزكۇر بىخەتەرلىك بوشلۇقىدىكى تېخنىكىلىق نۇقتىلارنى چىقىش قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىمىزدا چىڭ تۇرىمىز» دېگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت