زۇمرەت داۋۇت: ئاھالىلەر ئۈچۈن «نومۇر دەپتىرى» كىملىكتىنمۇ مۇھىم

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ 3 ئايلىق لاگېر كەچمىشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا پاش قىلغان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، خىتاينىڭ ئۇنى 2018-يىلى 3-ئايدىن 6-ئايغىچە لاگېرغا قامىغان مەزگىلنىڭ ئالدى-كەينىدە ئېرى ۋە 3 پەرزەنتى بىلەن ئۈرۈمچى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، مېھمان كۈتۈش يولىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىدا ياشىغان ئىدى. ئۇنىڭ رادىيومىزنى تەمىن ئەتكەن پاكىتلىق ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، دائىرىلەر لاگېرلارنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن مەزگىللەردە ئەڭ ئاساسى قاتلام باشقۇرۇش ئاپپاراتى بولغان ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا خادىم قوبۇل قىلىشنى، ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن. ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشتا قوللىنىدىغان چارە-تەدبىرلىرىمۇ كۆپەيتىلگەن. مەھەللىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە كۆزىتىش كامېرالىرى قويۇلغان. ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە ھەمدە ئۆي ئىچىگە رەقەملىك كود بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دىجىتاللاشقان كۆزىتىش ئۈسكۈنە-ئەسۋابلار ئورنىتىلغان.

بۇنىڭ بىلەن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر كىشىنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگىچە كۆزىتەلەيدىغان سىستېما بەرپا قىلىنغان.

بۇلاردىن باشقا ئاھالىلەر كومىتېتى ھەر بىر ئادەم بېشىغا ھەتتا بالىلارغىچە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشەنچلىك نومۇر كۆرسەتكۈچىنى بەلگىلەيدىغان نومۇر دەپتىرى تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ دەپتەرگە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ئەزالارنىڭ بايراق چىقىشقا قاتنىشىش، سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىش، تۇغقاندارچىلىق سىياسەتلىرىگە ماسلىشىش ۋە باشقا ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئىپادىلىرىگە ئايرىم-ئايرىم نومۇر بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرىنى نومۇر ئارقىلىق خۇلاسىلەپ ماڭغان.

زۇمرەتنىڭ بايان قىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىشتىن تارتىپ توي خەت ئېلىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە باشقا ھەر قانداق مەمۇرىي ئورگانلاردا بېجىرىشكە تېگىشلىك قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتە، نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تەستىق خېتىنى ئېلىپ كېلىشى ئالدىنقى شەرت قىلىنغان. ئاھالىلەر كومىتېتى بۇنداق رەسمىيەتلەر ئۈچۈن تەستىق خېتى چىقىرىپ بېرىشنى بولسا ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىش پائالىيەت نومۇر كۆرسەتكۈچىدىكى نومۇرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ بەلگىلەيدىكەن. نومۇر مەلۇم چەكتىن تۆۋەنلەر بولسا ئۇدۇل لاگېرلارغا يوللىنىدىكەن، شەرتكە توشمايدىغانلار تۈرلۈك شەرت ۋە يولسىز دەسمايىلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

زۇمرەت ئۆزىمۇ ھەتتا ھەقسىز ھالدا 3 ئاي لاگېرغا قامىلىپ چىققاندىن كېيىن، پاكىستانلىق ئېرى بىلەن پاكىستانغا چىقىش كېتىش ئۈچۈن پاسپورتلىرىنى بېجىرىشتە ئەڭ دەسلەپكى قەدەمدىلا ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان. ئۇلار زۇمرەتنىڭ بىر قانچە قېتىم ئاغرىپ قېلىپ، بايراق چىقىرىشقا قاتنىشالمىغانلىقى سەۋەبلىك قويۇلغان تۆۋەن نومۇرىنى باھانە قىلىپ، پاسپورت ئېلىشقا خەت چىقىرىپ بېرىشنى رەت قىلغان. زۇمرەت بىلەن ئېرىنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتىغا تەكرار-تەكرار ئەھۋال چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە ئاخىرى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىتاي پارتكوم سېكرېتارى ئۇلارغا بىر ياخشىلىق قىلغان بولۇپ بىر ئەقىل ئۆگەتكەن. يەنى، ئۇ خىتاي سېكرېتار زۇمرەت ۋە ئېرىگە، پاسپورت رەسمىيىتى بېجىرىش ئۈچۈن نومۇر دەپتىرىدىكى نومۇرلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەكلىكى، بۇنىڭغا ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ ئاخىرىدا بۇنىڭ بىر ئامالى بارلىقىنى كۆرسىتىپ: «ئۇ بولسىمۇ باشقا ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خىتاي ئايالغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرسەڭلار، سىلەرنىڭ نومۇرۇڭلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش ئېھتىمالى بار» دېگەن.

لاگېردىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ چىققان زۇمرەت زۇلۇملاردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن بۇ توسۇقنى بېسىپ ئۆتمەي بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، باشقا ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ناتونۇش بۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خىتاي ئايالغا مەجبۇرىي خەير ساخاۋەت قىلغان. زۇمرەت ئۇنىڭ ئىچكىرىدىكى يۇرتىغا قايتىپ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىككى قېتىم 10 مىڭ يۈەندىن ئەۋەتىپ، ئاخىرى 20 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بەدىلىگە ئاخىرى مەھەللە كومىتېتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسى بىلەن تەڭ پاسپورت ئۆتەشتە ئەڭ مۇھىم شەرت بولغان تونۇشتۇرۇش خېتىنى قولىغا ئالغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت