نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا «لاگېر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «لاگېر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» دىكى كۆك بايراق يېپىلغان جىنازا دىققەت قوزغىدى.

26-ماي نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت ئوسلو شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايرىقى يېپىلغان بىر جىنازىنى كۆتۈرگەن ھالدا «لاگېر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» ئۆتكۈزگەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، «لاگېر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» نىڭ مەقسىتى 26-ماي ئوسلودا باشلانغان ھەمدە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنى» ناملىق خەلقئارالىق چوڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تارتىش ئىكەن.

نورۋېگىيەدىكى نامايىشچىلار بۇ قېتىملىق نامايىشقا ئاتاپ بىر جىنازا ياساپ چىققان. جىنازىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق يېپىلغان بولۇپ، قارا كىيىم كىيگەن نامايىشچىلار جىنازىنى كۆتۈرۈپ پارلامېنت بىناسى ئالدىنى ئايلىنىش ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىدا قۇربان بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەزىيەسىنى سىمۋوللۇق ئىپادە قىلغان. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى خەلچەم خانىم بۇنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تارتىش نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلە بولۇپ، ئەگەر دۇنيا سۈكۈتلىرىنى داۋام قىلدۇرغان تەقدىردە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ زور قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن رەنا خانىم بۇ قېتىمقى ئۆزگىچە نامايىشقا ئوسلودىكى سەبىي بالىلاردىن تارتىپ قاتناشقانلىقىنى، نامايىشچىلارنىڭ يەرلىك خەلققە ۋە ساياھەتچىلەرگە لاگېردىكى زۇلۇملارنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لى جيەنشۇنىڭ نورۋېگىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار 15-ماي كۈنى ئوسلودا، 17-ماي كۈنى سىتېۋاڭېردا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئىرادىلىرىنى نامايان قىلىشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت