نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
(سولدىن) نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گۇرى مېلبى، دالاي لامانىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى ۋەكىلى سونام فراسى، نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ستېۋېن، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى سوما سىۋېنىنسېنلار نورۋېگىيە پارلامېنتىدا. 2020-يىلى 15-يانۋار.
(سولدىن) نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گۇرى مېلبى، دالاي لامانىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى ۋەكىلى سونام فراسى، نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ستېۋېن، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى سوما سىۋېنىنسېنلار نورۋېگىيە پارلامېنتىدا. 2020-يىلى 15-يانۋار.
RFA/Ekrem

15-يانۋار نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە تۈرك تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىن كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 15-يانۋار كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى سوما سىۋېنىنسېن، دالاي لامانىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى ۋەكىلى سونام فراسى، نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ستېۋېن قاتارلىقلار بىرلىكتە نورۋېگىيە پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇپ پارلامېنت ئەزاسى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گۇرى مېلبى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بۇ سۆھبەت نورۋېگىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى بۇزۇلۇشقا يۈز تۇتقان بىر ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە نورۋېگىيەدە ئالاھىدە داڭق چىقارغان پارلامېنت ئەزاسى گۇرى مېلبى بىلەن ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇزۇن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ستېۋېن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمى ۋە بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىلىرى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

15-يانۋار كۈنى يەنە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدا ئۇيغۇرلار ۋە نورۋېگىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىلىق سۆھبەت يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ نورۋېگىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق كۆلىمى زور بىر ئۇچرىشىش بولغانلىقىنى، سۆھبەتتە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ زادى نېمە ئىشلارنى قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا ئۇزۇن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نورۋېگىيە تۈرك دەرنەكلىرى فېدىراتسىيونىنىڭ باش سېكرېتارى مەھمەت تىمەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىن ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز نورۋېگىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كەڭ بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى چارە-تەدبىر ئېلىشقا زورلاش، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى نورۋېگىيە خەلقى ھەم پۈتۈن دۇنياغا يەنىمۇ ئەتراپلىق ئاڭلىتىپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە نىسبەتەن خەلقئارالىق بېسىم پەيدا قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز لازىملىقىنى مۇزاكىرە قىلىش نىيىتىدە بۇ يەرگە جەم بولدۇق. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا بىز تۈرك تەشكىلاتلىرى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ كۆلىمى زور بولغان بىرقانچە قېتىملىق نامايىشلارنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەملەردە بولۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت