نۇر بەكرىدەك خىتايغا سادىق ئەمەلدارنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى سوتتا. 2019-يىلى 25-ئىيۇل، شېنياڭ.
خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى سوتتا. 2019-يىلى 25-ئىيۇل، شېنياڭ.
AFP

2019-يىلى 2-دېكابىر كۈنى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. سوتتا نۇر بەكرىنىڭ 1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغاندىن تاكى 2018-يىلى خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغانغا قەدەر 20 يىللىق جەرياندا 79 مىليون يۈەن، يەنى 11 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پارا يېگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا بارغانچە كۈچەيتىلگەن قاتتىق باستۇرۇشتا، خىتاي ئۆزىگە ساداقەتسىز دەپ قارىغان ياكى تەھدىت ھېس قىلغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كادىرلىرىنى رايوندا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، قاتتىق جازالاۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن داڭ قازانغان نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ۋە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا غۇلغۇلا قوزغىدى.

2008-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن نۇر بەكرى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدانىنىڭ «قەتئىي» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خىزمەت كۆرسەتكەن ئەمەلدار دەپ تەرىپلەنگەنىدى. مانا ئەمدى نۇر بەكرىنىڭ خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىشىگە قارىتا، خىتاي تاراتقۇلىرىدا پاكىتلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ سوتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسەتتە ئېلىپ بارغان سوتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

چەتئەللەردىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە ئۇزۇن مەزگىللىك سىناقلاردىن ئۆتۈپ، «ساداقەتمەن ئەمەلدار» دەپ قارالغان نۇر بەكرىنىڭ «پارىخورلۇق» جىنايىتىدىن باشقا يەنە «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەندەك سىياسىي جىنايەتمۇ ئارتىلىپ جازالانغان بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر سىياسىي مەقسەتتىكى جازالاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چېن پوكۇڭ مۇنداق دېدى: «نۇر بەكرى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن ساداقەتمەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ساتقۇنى› دەپ ئەيىبلەنگەنىدى. ئەمما، مەن خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر ئەمەلدارنى جازالىشىنى ئۇنىڭ ساداقىتىدىن گۇمان قىلىش ئاساسىي سەۋەب دەپ قارايمەن. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى جازالىشىدا ئۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى سۆز ھەرىكەتتە بولغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.».

ۋەھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ھازىرغىچە نۇر بەكرىنىڭ پەقەت پارىخورلۇق بىلەنلا جازالانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بىرەر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەسكەرتمەي كەلگەنىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇدىرى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۇر بەكرىدەك خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ھوقۇق تۇتقان بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ھېچبىر ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ جانلىق مىسالى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە يەنى 2008-يىلى ئۇ «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ مەجبۇرىي ۋە تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. ئۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىغانىدى. 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە خىتاي دۆلىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ، ئەينى چاغدا نۇر بەكرىنى «لاياقەتسىز رەئىس» دەپ تەنقىدلىگەنىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا تەنقىدىي پىكىردە بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە ئاتقۇرغان نۇر بەكرىنىڭ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇشىنى «ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئويلاندۇرۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى» دېيىشكە بولىدىكەن.

ئەمما يەنە بەزى قاراشلاردا، 2008-يىلدىن 2013-يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىدە بولغان سابىق رەئىس نۇر بەكرى دەۋرىدە بولۇپمۇ، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى جاڭ چۈنشەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەن» ئاتالمىش يۇمشاق سىياسەت» مەزگىلىدە، نۇر بەكرىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ 2010-يىلدىن 2014-يىللارغىچە بولغان قىسقا مەزگىللىك گۈللىنىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكىمۇ تەرىپلەنمەكتە.

2014-يىلدىن كېيىن چەتئەللەرگە چىققان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، 1990-يىلدىن 2015-يىلغا قەدەر «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندى ئەنە شۇ خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، 2012-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ «ئەدەبىيات» دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلغان دېگەن جىنايەت ئارتىلغان ساتتار ساۋۇت، ئابدۇرازاق سايىم، يالقۇن روزى، ئابدۇراخمان ئەبەي قاتارلىق نەشرىيات ساھەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى نۇر بەكرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ۋە نۇربەكرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندى بايانىدا نۇر بەكرى دەۋرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇھىم ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدا ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى-سەنئىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت ساھەسىدە روناق تېپىشى قاتارلىقلارنى نەقىل ئېلىپ، نۇر بەكرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى يار بەرگەن شارائىتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قىسىم خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئەيىبلەشلىرىدە ئۇنىڭ مىللىي مەسىلىدە خاتالاشقانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

ئەمما، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، نۇر بەكرى ۋەزىپە ئۆتىگەن كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن دېيىلسە، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك يۇمشاش سىياسىتى سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي مىللىتىدىن بولغان ۋاڭ لېچۈئەن، جۇ يوڭكاڭ قاتارلىق پارىخور ئەمەلدارلار بىلەن نۇر بەكرىنى سېلىشتۇرۇپ، نۇر بەكرىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىدەك ئېغىر جازاغا تارتىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىدەك، مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نامايان قىلىنىشىدەك سىياسىي مەقسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن نۇر بەكرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەن ئۇيغۇر ئەمەلدار. ئۇ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىتتىپاق كومىتېتى مۇدىرلىقىدىن پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلگەن. 1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىگە شەھەر باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 2008-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ 2013-يىلى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. 2018-يىلى مەزكۇر ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 2018-يىلى 20‏-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خىتايغا قايتقىنىدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلغان. 2019-يىلى 16‏-مارت كۈنى خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نۇر بەكرىنىڭ «پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوتىدا نۇر بەكرى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، سوتتا نۇر بەكرىنى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتۈپ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت