ئۆمەر ئۇيغۇر: «ئىنىم ئىككىمىز پاكىستاندا تەھدىتتە، ئىككى تۇغقىنىم يەكەندە تۇتقۇندا»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇرۇش رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ۋە تېگىشلىك ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن ئافغانىستانغا كەلگەن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەرجان. 2015-يىلى ئۆكتەبىر.
ئۇرۇش رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ۋە تېگىشلىك ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن ئافغانىستانغا كەلگەن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەرجان. 2015-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA

پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە راۋالپىندىدىكى پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ جانلانماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پاكىستاندا ئۆزىگە ئوخشاش ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بارغانسېرى تارايغان.

بىرقانچە يىللار ئىلگىرى پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ سەپداشلىرى يېقىندىن بۇيان بارغانچە ئازايغان. ھەتتا ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن ئۇنىڭ راۋالپىندىدا گۆش تىجارىتى قىلىدىغان ئىنىسى ئەكبەر پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ كۆزىتىش ۋە داۋاملىق سوراق قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ھەر ۋاقىت ئەنسىرەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ پاكىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى 11 يىلدىن بۇيان ۋەتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان. 2017-يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ يەكەن ۋە قەشقەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق تېلېفون ئالاقىلىرى تولۇق ئۈزۈلگەن.

ئۇ بۇ يىللىق روزا ھېيتنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ-كەلىپ سودا قىلىدىغان پاكىستانلىق تىجارەتچىلەر ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ، يەكەندىكى دادا جەمەت تۇغقانلىرىدىن تاغىسىنىڭ ئوغلى ئابدۇلھەمىت ئابدۇلئەزىزنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، تاغىسىنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئابدۇلھەكىم ئابدۇلئەزىزنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن. ئەمما ئۇ ئىككى يىلدىن بۇيان يەكەن ۋە قەشقەردىكى ئانا جەمەت تۇغقانلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئۇچۇر ئالالمىغان

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ پاكىستاندا ئىزچىل ھالدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە شۇنداقلا پاكىستان-خىتاي ئارىسىدىكى پەۋقۇلئاددە يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئارقىلىق پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتايغا ماھىل كىشىلەرگە تىجارەتتە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش، ئۇلار ئارقىلىق پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا خىتاي تىلىدا مەكتەپ ئېچىپ بېرىش، ھەتتا ئۇلارغا يۇقىرى باھالىق ئۆيلەرنى ئېلىپ بېرىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بۇ خىل كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا تارتقان. ئۇلار ئارقىلىق ئاتالمىش «خىتاي پۇقرالىرى يۇرتداشلار جەمئىيىتى» دېگەندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىدىغان جەمئىيەتلەرنى قۇرغان. ئۇلار بۇ جەمئىيەتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش نامىدا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى ئىلگىرى رادىيومىز زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغىنىدا پاكىستاندىكى خىتايغا ماھىل ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «سابىق خىتاي پۇقرالىرى يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نىڭ خاراكتېرى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن ئىدى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى، پاكىستاندىكى بىر قىسىم خىتايغا ماھىل ئۇيغۇرلارغا ماددىي مەنپەئەت بېرىش يولى ئارقىلىق پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان. ئۇلار يەنە ئۆمەر ئۇيغۇرغا ئوخشاش پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان تەقىبلەرنى بارغانچە كۈچەيتكەن.

رادىيومىز ئىلگىرى پاكىستاندىكى «سابىق خىتاي پۇقرالىرى يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن گىلگىتتىكى تىجارەتچى ئابدۇقېييۇم، راۋىلپىندىكى ئابدۇرېھىم ۋە ئەزىمجان قاتارلىق كىشىلەر زىيارەت قىلغىنىدا، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئوخشاش پاكىستاندىكى بىر ئۇيغۇرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئەمما بۈگۈن بىز ئۇلارغا قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تېلېفونىمىز نى ئالمىدى. گىلگىتتىكى «سابىق خىتاي پۇقرالىرى يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى ئابدۇقېييۇم تېلىفونىمىزنى ئالدى. ئەمما ئۇ تېلېفوننىڭ ئامېرىكادىن ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قوپال سۆزلەر بىلەن ئامېرىكانى «مۇسۇلمان ئەللىرىگە تاجاۋۇز قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ نىجاتكارى» دەپ مەدھىيەلىدى.

ئۇنىڭدىن گىلگىتتىكى «سابىق خىتاي پۇقرالىرى يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نىڭ پاكىستاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ماددىي ياردەملىرىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئاندىن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئېيتىپ، تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت