پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر: «پاكىستاندا ئامېرىكاغا قارشى سۆزلەۋاتقان ئاتالمىش ‹ئۇيغۇرلار›-خىتايغا سېتىلغانلاردۇر»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى» گە يېزىپ بەرگەن چېكى.
پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى» گە يېزىپ بەرگەن چېكى.
RFA/Shöhret Hoshur

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن پاكىستاندىكى «جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نامىدىكى بىر تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان ۋە ئامېرىكانى تەنقىدلىگەن. بۇ بايانات «ۋائاد» قاتارلىق بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغان. بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس يوللىغان پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن پۇلغا سېتىۋېلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئېتنىك جەھەتتىنمۇ، ئوي-پىكىر جەھەتتىنمۇ ھېچقانداق ئورتاقلىقى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپ دۆلەت ئىچىدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر ساھە ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئامېرىكانى ئەيىبلەپلا قالماستىن، بەلكى چەتئەلدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ۋە بېقىندى تەشكىلاتلىرىنىمۇ مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» گە قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، ئامېرىكانى ئەيىبلەشكە سەپەرۋەر قىلغان.

خىتاينىڭ ئەڭ سادىق تەشكىلاتلىرىدىن پاكىستاندىكى «دۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» ئىسلامئابادتا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ئاتالمىش «ئۇتۇقلىرى» غا ئاپىرىن ئوقۇغان ۋە ئامېرىكانى مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» سەۋەبلىك ئەيىبلىگەن. لاگېرلارنىڭ بىر «كەسپىي تەربىيە ئورنى» ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارغا زور نەپ قازاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر باياناتتا ئامېرىكا «خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى كۆرەلمەسلىك ۋە دۇنيادا توختىماي ئۇرۇش پەيدا قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ بايانات پاكىستاندىكى «ۋائاد» قاتارلىق بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغان.

پاكىستاندىكى تونۇلغان پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر مەزكۇر باياناتنى بەرگۈچىلەرنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» دىن مەمنۇن بولغانلىقى، جامائەت سورۇنلىرىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان گىلگىت‏-بالتىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇلمەجىد داۋۇت پاكىستاندىكى مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر بۈگۈنكى سۆزىدىمۇ خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر جەمئىيەتكە ھەر ئايدا پۇل بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئاندىن ئۇلارنى خىتاينى ئاقلاپ ئاخباراتتا سۆزلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئۆتكەن ئايدا ئۆزى قولغا چۈشۈرگەن بىر بانكا چېكى (تالونى) نىڭ كوپىيەسىنى رادىيومىزغا يوللاپ بەرگەنئىدى. 37 مىڭ دوللارلىق مەزكۇر چەكتە پۇل بەرگۈچى سۈپىتىدە پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ، پۇل ئالغۇچى سۈپىتىدە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ نامى يېزىلغان ئىدى.

پائالىيەتچى ئابدۇلمەجىد داۋۇت «دۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى سېتىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا نۆۋەتتىكى پاكىستان-خىتاي دوستلۇقىنىڭ پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە مەلۇم بىر نۇقتىغا كەلگەندە پاكىستاننىڭمۇ مەزكۇر جەمئىيەتنى سوراققا تارتىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى، جۆرىلىرى لاگېرلارغا سولانغان 40 نەچچە پاكىستان ۋەتەندىشى تەرىپىدىن پاكىستان ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىنغان. ھەتتا بەزىلىرى پاكىستاننىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نەچچە قېتىملاپ نامايىشلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋىرى يوقلۇقىنى بىر قانچە قېتىم تىلغا ئالغان ئىدى. تۈنۈگۈن ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى مەھدى ھەسەنمۇ پاكىستان كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى شىرىن مازارى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. مەھدى ھەسەن پاكىستاننىڭ نېمە ئۈچۈن مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا سولىنىشىغا سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى قىستاپ سورىغىنىدا، ئۇمۇ ئەپقاچتى جاۋابلار بىلەن مەسىلىگە ھەققانىي جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت