قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ

2006-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نازەربايېۋ، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چىنى بىلەن ئۇچراشتى.

دېك چىنى ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدا قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. قازاقىستان پرېزىدېنتى جۈمە كۈنى ئاقسارايدا پرېزىدېنت جۇرج بۇش بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

دۈشەنبە كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توقايوف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۆھبەت تېمىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس، بۇ سۆھبەتكە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ياردەمچىسى بارىي لوۋەن كروننىمۇ تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ پرېزىدېنت بۇش بىلەن نازەربايېف ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم تېمىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرگەن.

پرېزىدېنت نازەربايېۋ جۈمە كۈنى ئاقسارايدا پرېزىدېنت جۇرج بۇش بىلەن ئۇچراشماقچى.

بۇ ئارىدا، دۇنيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەركىنلىك سارىيى پرېزىدېنت بۇشغا خەت ئەۋەتىپ، نازەربايېفنىڭ زىيارىتىنىڭ پرېزىدېنت بۇشنىڭ دۇنيادا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەركىنلىك سارىيى شۇنداقلا پرېزىدېنت بۇشنى قازاقسىتاننىڭ 2009‏- يىلى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيىتىنى قوللىماسلىققا چاقىردى.

گەرچە قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەت سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت