ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىدىكى ئۈچ خىتاي پاھىشخانىسى تاقىۋىتىلدى

2005-02-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى كابۇل شەھىرىدىكى ئۈچ خىتاي مېھمانخانىسىنى تاقاپ، بۇ مېھمانخانىلاردا پاھىشىۋازلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستاندىكى پۈتۈن چەتئەل مىھمانخانىلىرىنىڭ پاھىشىۋازلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى شۇغۇللانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كومىتېت قۇرغان.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى ئابدۇلجەببار سابىت، كابۇلدىكى ئۈچ خىتاي مىھمانخانىسىدا پاھىشىۋازلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن تاقىتىتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ يېتىشىچە، مەزكۇر مىھمانخانىدا ئىشلىگەن ئۈچ خىتاي ئايالنىڭ پاسپورتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە بىر خىتاي ئايالنىڭ ئافغان ۋىزىسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۆتفۇللا مەشئەل ئافغانىستاندىكى پۈتۈن رېستوران ۋە مىھمانخانىلارنىڭ ئەنگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەت پاھىشۋازلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ھاراق ساتقان مېھمانخانا ۋە رېستۇرانلارنىڭ تاقىۋىتىدۇ، دىدى. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت