قازاقىستان، قازاقىستاندىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان 9 نەپەر ئۆزبېكىستان پۇقراسىنى قايتۇرىۋەتتى

2006-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستاندىكى سىياسىي بېسىمدىن قېچىپ قازاقىستاندىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان 9 نەپەر ئۆزبېكىستان پۇقراسىنى، ئۆزبېكىستانغا قايتۇرىۋەتتى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ھولى كارتنەر، قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلغان مەزكۇر كىشىلەر قاتتىق جازاغا ئۇچرىشىشى مۇمكىن، دېدى.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى، مەزكۇر 9 كىشىنى رادىكال دىنىي تەشكىلاتقا ئەزا بولغان ھەمدە ئۆزبېكىستاندىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 9 كىشىنىڭ 4 ىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى ب د ت كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ،قازاق ساقچىلىرى قازاقىستاننىڭ جەنۇبى رايونىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇلارنى تۇتۇپ ئۆزبېكىستانغا قايتۇرغان.

لېكىن فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە مەزكۇر كىشىلەرنى تۇتۇپ ئۆزبېكىستانغا قايتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى كارتنەر، قازاقىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەگەر بۇ كىشىلەر ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلسا قانداق جازاغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىقىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە ئۇچرىشىدا قازاقسىتان ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت