قازاقىستان 2007- يىلى، 44 جاسۇسنى پاش قىلدى

2007-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 2007- يىلى بىر يىل ئىچىدە 44 نەپەر چەت ئەل جاسۇسىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

"گازەتا.رۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كېنجەبۇلات بېكنازاروپ، خەلقئارالىق كېلىشىمگە ئاساسەن پاش قىلىنغان مەزكۇر جاسۇسلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ھازىرچە ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى، بۇ جاسۇسلارنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ يەنە 2007- يىلى قازاقىستاندا رازۋېتكا ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغانلىقى ئۈچۈن چەتئەل ئالاھىدە خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىككى نەپەر ئاگېنتىنىڭ سوتلانغانلىقى ھەمدە 14 نەپەر چەتئەللىك جاسۇسلۇق گۇماندارىنىڭ ئالتە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە چەتئەل رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىرىنىمۇ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە باغلاش ھەرىكەتلىرى ئاكتىپلاشقان ئىكەن. قازاقىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ كاتتىۋېشى يەنە" بىزنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك ئىدارىمىز، ئۆز ۋاقتىدا چارە قوللىنىش ھەمدە چەتئەللىك شېرىكلىرىمىز بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىز زېمىنىدا تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول قويمىدى"، دەپ تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك يەنە قازاقىستان بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق بىر قانچە يىللاردىن بۇيان كۈنسايىن ئاكتىپلاشقان بولۇپ، قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، قازاقىستان تەرەپ خىتاينى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ھەتتا بىرلىكتە زەربە بېرىشكە پۈتۈشۈپ، كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى قىلغان. نەتىجىدە، بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر قازاق بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت