پرېزىدېنت باقىيېف قىرغىزىستان پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى

2007-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف، دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدىكى بىر بۇيرۇقنامىغا ئىمزا قويدى. باقىيېف بۇيرۇقنامىسىدە پارلامېنتنى ئەيىبلەپ، بىر مەزگىلدىن بېرى پارلامېنت ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدىغان بىر قاتار قانۇنسىز قارارلارنى چىقاردى. پارلامېنتنىڭ ئۆتكەن يىلى 11 ‏- ۋە 12 ‏- ئايلاردا چىقارغان ئىككى قېتىملىق يېڭى ئاساسىي قانۇنى، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز، دەپ قارىلىپ بىكار قىلىندى، دەپ كۆرسەتكەن.

بۇيرۇقنامىدە يەنە " پارلامېنت ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن كرىزىس يارىتىپ، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ئارىسىدا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىدديەتلەرنى پەيدا قىلدى " دەيدۇ. باقىيېف بۇيرۇقنامىسىدە، بۇ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن باقىيېف، يېڭى پارلامېنت سايلىمىنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا باقىيېف، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشتە يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان رېفىراندۇمنىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلغان. قىرغىزىستان يەكشەنبە كۈنى يېڭى ئاساسىي قانۇن ۋە سايلام قانۇنىنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويغان بولۇپ، قىرغىزىستان مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، رېفىرامدۇمغا قاتناشقان پۇقرالارنىڭ %75 ئى باقىيېف ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئاساسىي قانۇن ۋە سايلام قانۇنىنى قوللىغان.

لېكىن قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار، يېڭى ئاساسىي قانۇندا پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقى كۈچەيتىلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ مۇستەبىتلىككە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە قارشى چىققان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت