قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى

2007-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەكشەنبە كۈنى، قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىفنىڭ ئاقيول پارتىيىسى، سابىق قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالماس بېك ئاتامبايىف رەھبەرلىگىدىكى سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى ۋە قىرغىزىستاننىڭ سابىق پارلامېنت رەئىسى ئۆمەربېك تېكەبايىفنىڭ رەھبەرلىگىدىكى ئاتا ماكان پارتىيىسى بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشقان ئەڭ كۈچلۈك پارتىيىلەر ھېسابلىنىدىكەن.

گەرچە پرېزىدېنت باقىيېف ھۆكۈمىتى، پارلامېنت سايلىمىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق ھالدا، دېموكراتىك ۋە ئادالەتلىك بىر سايلام بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيىلەر، پرېزىدېنت باقىيېف ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى پارلامېنتتىن تازىلاش ئۈچۈن، سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە.

نۇرغۇن كىشىلەر، پرېزىدېنت باقيېفنى، ئۇزۇندىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت دەپ قارىلىپ كەلگەن قىرغىزىستاندىكى ھاكىمىيەتنى بارغانسىرى، مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئەمما پرېزىدېنت باقىيېف ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئادالەتلىك بىر سايلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا تەييارلىق پائالىيەتلىرى جەريانىدا، پرېزىدېنت باقىيىفنىڭ ئاقيول پارتىيىسىگە ئاۋاز بېرىشى ئۈچۈن، پۇقرالارغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى، بايان قىلماقتا.

2005‏- يىلى قىرغىزىستان ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، پرېزىدېنت ئاقايىف تەرەپدارلىرىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشى، ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە ۋە ئاخىرىدا پرېزىدېنت ئاقايىف ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت